بوغۇم ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تالالىق توقۇلمىلار، پەي، تارامۇشلار، بوغۇم غىلاپ پەردىلىرى، سۆڭەك پەردىسى ۋە باشقا ياللۇغلانغان، ئىششىغان بولىدۇ بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى توسالغۇغا ئۇپرايدۇ ياكى پۈتۈنلەي ھەرىكەتلەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوغۇملار داۋاملىق ئاغرىپ تۇرىدۇ

ئالامىتى:

بوغۇم ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تالالىق توقۇلمىلار، پەي، تارامۇشلار، بوغۇم غىلاپ پەردىلىرى، سۆڭەك پەردىسى ۋە باشقا ياللۇغلانغان، ئىششىغان بولىدۇ. بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى توسالغۇغا ئۇپرايدۇ ياكى پۈتۈنلەي ھەرىكەتلەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوغۇملار داۋاملىق ئاغرىپ تۇرىدۇ.

بوغۇملارنىڭ توقۇلمىلىرى قېلىنلاپ ۋە قاتتىقلىشىپ قالىدۇ. بوغۇملارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ياكى پۈتۈنلەي مىدىرلىتالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىمار بوغۇملاردا قاتتىقلىق ۋە ئاغرىشتىن شىكايەت قىلىدۇ. كېچىسى ئۇخلىغان چاغلاردا ئورۇن كۆرپە ئىسسىش بىلەنلا ئاغرىق باشلىنىپ كېتىدۇ. سوغۇق ۋە ھۆل پەسىللەردە، جۈملىدىن ھاۋا تۇتۇلغان چاغلاردا ئاغرىق كۈچىيىشكە باشلايدۇ.

كېسەللەنگەن بوغۇملاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ئىششىق بولىدۇ. بوغۇمغا يېقىن قوشنا مۇشەك گۆشلەردە ئاجىزلىشىش ۋە ئۇرۇقلاش پەيدا بولىدۇ. كېسەل كىشى كۆپىنچە ھەزىم قىلىش بۇزۇلغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. سوزۇلما بوغۇم ئاغرىش كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قىزىتما بولمايدۇ ياكى ناھايىتى يەڭگىل بولىدۇ.

سوزۇلما بوغۇم ياللۇغى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

 بىرىنچى قىسمى؛

شىللىق سۇيۇقلۇق رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى (ھۇدار زۇلالىې) دەپ ئاتىلىپ، بوغۇم شىللىق پەردىلىرىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق سۇزۇلۇپ چىقىپ بوغۇم ئىچىگە توپلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى》بوغۇم ئىستىسقاسى《دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل ياللۇغلىنىش كۆپىنچە تىز بوغۇمىدا ئۇچرايدۇ.

ئىككىنچى قىسمى؛

 گۆش (مۇسكۇل) رېماتىزمى (ھۇدار ئەزلىې) بولۇپ بۇ تۈردە دەسلەپتە ئۆتكۈر رېماتىزم ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئومۇمەن نەملىك، سوغۇق تەسىر قىلىشىدىن ۋە سوغۇق سەۋدا تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەلگە كۆپرەك ياش ئەمگەكچى ئەرلەر ۋە بەدىنى ئاجىز، ئورۇق، ماغدۇرسىز ئەرلەر موپتىلا بولىدۇ. بۇ خىل بوغۇم ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ بوغۇم ئاغرىقى (ۋەجئۇل مۇفاسىل) كىچىك بوغۇملار ياللۇغى (نىقرەس) بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ.

بوغۇملاردا قاتتىقلىق ۋە ئاغرىق بولىدۇ. كېسەل كىشى ئاغرىق بوغۇمنى بېسىشتىن ياكى مىدىرلىتىشتىن ياكى شۇ ئورۇنغا ئىسسىق تەسىر قىلىشتىن قورقىدۇ ۋە كېچىسى ئۇخلىغان چاغدا ئاغرىش كۈچىيىپ كېتىدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ بەل قىسمىدا ياكى بۆرەكلىرىدە قاتتىق ئاغرىش بولىدۇ. بەزىدە بولسا ئاغرىق بىر قەدەر يەڭگىل بولۇپ، ھەرىكەت قىلمىغاندا ئاغرىش سېزىلمەيدۇ. ئەمما كېسەل كىشىدە قىزىتما بولمايدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا رېماتىزملىق يانپاش بوغۇم ياللۇغى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوغۇم ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .