بۇنىڭدا كېسەللىك ھۇجۇمى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ ئاندىن تۇتقاقلىق ھالدا، بەزىدە بىر قانچە ئاي، بىرقانچە كۈن،كېيىنچە كېسەل يىلدا بىر قېتىم قايتا تۇتىدۇ،ئەمما كېسەللەنگەن بوغۇمدا ھەمىشە ئاغرىق بولغانلىقتىن كېسەللەنگەن بوغۇمنىڭ ھەرىكىتى تەدرىجىي ئازىيىپ كېتىدۇ

كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى كۆكىرىپ ياكى تارتىشىپ قالىدۇ،بەزىدە بۇ كىسەلدە چىڭقىلىش سەۋەبىدىن كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى يىرىلىپ سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەخسۇس ماددىسى چىقىپ تۇرىدۇ ياكى غىدىقلىنىشنىڭ سەۋەبىدىن زەخىم پەيدا بولىدۇ.بەزىدە يۈرەك ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، كېسەلنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ ئاچچىقى يامان بولۇپ قالىدۇ.كۆپۈنچە مۇسكۇللارمۇ تارتىشىپ قالىدۇ ،سۈيدۈكى سېرىق رەڭدە كېلىدۇ.

داۋالاش:

سوزۇلما خاراكتېرلىك نوقرەسنى داۋالاشتا كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىلنى تېپىپ چىقىپ ،كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىلغا قارتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ.

ئەگەر بۇ كېسەل بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتىنىڭ مۇنزىچ بېرىلىدۇ . ماددا پىشقاندىن كىيىن  شۇ خىلىتىنىڭ سۈرگىسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مۈرە ئەتراپ ياللۇغى 肩周炎 تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى رېماتىزملىق يانپاش بوغۇم ياللۇغى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .