مۈرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى ئاددىي قىلىپ مۈرە ئەتراپ ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ بۇ ئاساسلىقى مۈرە بوغۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگېرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇسكۇل ، مۇسكۇل پېيى، سىلىق خالتا ۋە مۇسكۇل خالتىسى قاتارلىق مۈرە بوغۇمى ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارغا تارقالغان ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ

تونۇش:

بۇ خىل كېسەللىك ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا، ئوڭ مۈرىگە قارىغاندا سول مۈرىدە نىسبەتەن كوپ كۆرۈلىدۇ. كۆپۈنچە ئەھۋالدا بىر تەرەپ مۈرە بوغۇمى كېسەللىنىدۇ ، ھەر ئىككى تەرەپ مۈرە بوغۇم ئوخشاش كېسەللەنگۈچىلەر %8 نى ئىگىلەيدۇ . 50 ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولۇپ ئوتتۇرا ياشلىقلار كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

 كېسەللەنگەندىن كىيىن مۈرە بوغۇمى قاتتىقلىشىپ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . خۇددى قېتىپقالغاندەك بولۇپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا قېتىشىش خاراكتېرلىك مۈرە كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

دىياگنوز ئاساسى :

تىپىك كېلىنكىلىك ئالامىتى يەنى مۈرە بوغۇم ئاغرىش  ۋە ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، كېسەللىك تارىخىغا يەنى سوغۇق ئۆتكۈزىۋالغان ، زەخىملەنگەن ، كېسەللەنگەن تەرەپ مۈرە بوغۇمىدا چىقۇق بولغان تارىخىنىڭ بار يوقلىقىغا ئاساسەن دىياگنوز قۇيىلىدۇ

تۈرلەرگە بۆلۈنىشى ۋە ئالامىتى :

كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن بەشكە بۆلۈنىدۇ .

1-   بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
2-   سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
3-   بەلغەم سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
4-   سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان مۈرە ئەتراپ ياللۇغى
5- باشقىلار يەنى زەخىملىنىش ، مۈرە بوغۇم چىقۇقى ، سۇنۇق قاتارلىقلارنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ مۈرە ئەتراپ ياللۇغى

كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دەرىجىگە بۆلۈنىشى:

1-  دەرىجە يەڭگىل دەۋرى يەنى مۈرە قىسىم ئاغرىش .
2-  دەرىجە ئوتتۇرھال دەۋرى يەنى ئاغرىش، كۆرۈنەرلىك ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش .
3-  دەرىجە ئېغىر دەۋرى يەنى قېتىشىش دەۋرى .

كېلىنكىلىك ئالامىتى :

مۈرە بوغۇم ئاغرىش  ۋە ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، ھەرىكەتلەندۈرگەندە مۈرە ئاغرىش كۈچىيىش ،  قىزىش كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . مۈرە  قىسىم  بېسىلىپ ئاغرىش ، ھەرىكەت قىلىش ئەپسىز بولۇش ، بەزىدە كېچىلىرى ئاغرىپ ئويغىنىپ كېتىش ، ئۇخلىغاندا مۈرىنى بېسىپ  ياتالماسلىق  . قولىنى كەينىگە ئالالماسلىق چېچىنى تارىيالماسلىق ، كىيىم كىيىش – سېلىش،  يۈز يۇيۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلالماسلىق . يەرلىك ئورۇن مۇسكۇللىرى قېتىشىپ قىلىش ، تارتىشىش ياكى يىگلەش ئالامەتلىرى   كۆرۈلىدۇ .

ئۇيغۇر تېبابەت دىياگنوزى:    مۈرە ئەتراپ ياللۇغى

غەرب تېبابەت دىياگنوزى:    مۈرە ئەتراپ ياللۇغى

داۋالاش پىرىنسىپى :

 1 . روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، داۋالاشقا تولۇق ماسلىشىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىپ ، قائىدىلىك پەرۋىش خىزمىتى ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .
4  . قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، مۈرە ئەتراپ پەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .
5 . فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
6 . رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆتكۈر كىچىك بوغۇملار ياللۇغى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سوزۇلما كىچىك بوغۇملار ياللۇغى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .