بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچى


    بىرىنچى خەتەرلىك باسقۇچ. كىشىلەر سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا، چوڭ مېڭە خىزمەتنى باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئوكسىگېن ۋە ئېنېرگىيىنىڭ سەرپىياتى بىراقلا ئاشىدۇ، بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقا تاختىسى پولتىيىپ چىقىپ قان تومۇرىنى بېسىۋېلىپ، قان بويۇندا نورمال ئايلىنالماي، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ. شۇڭا سەھەردە تۇرغاندا باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا، مېڭىگە قان چۈشۈشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ.

     ئىككىنچى، ئۈچىنچى خەتەرلىك باسقۇچ. چۈش سائەت 12دە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن – ئالتىگىچە بولغان ئارىلىقتا بويۇن تېلىپ بويۇن ئومۇرتقا تاختىسى قان تومۇرىلىرىنى بېسىۋېلىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى نورمالسىزلاشتۇرىدۇ. بىراق، چوڭ مېڭە جىددىي ھالەتتە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئېنېرگىيىگە بولغان سەرپىياتى زىيادە ئېشىپ، يۈرەك بېسىمىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، قان بېسىمى نورمالسىز بولۇش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك سانجىقى قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ زور بولىدۇ.

     بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچتىن باشقا، قانداقلا ۋاقىتتا قوزغالسۇن، ئاغرىقنىڭ غولىدىكى ئاغرىش روشەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، پۇتتا ماغدۇر بولماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەلنى ئىزچىل داۋالىتىشتىن باشقا، ياخشىسى، بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇۋەتكەن ياخشى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆرە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بېلى ئاسان زەخملىنىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىستىرخا (پەي - مۇسكۇللار بوشىشىپ كىتىش) توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .