ئاستا خاراكتېرلىك بەل ئومۇرتقىسى كېسىلى بولغانلار

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپىنچە بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى كۆپ بولىدۇ. داۋاملىق بەل ئومۇرتقا پولتىيىپ چىقىش كېسىلى، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئومۇرتقا قانىلى تارىيىش كېسىلى قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بەلنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇپ بەرگەندە، بۇ كېسەللەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. يەنە ھاۋاسى ساپ جاينى تاللاپ ئىككى پۇتىنى مۈرىنىڭ كەڭلىكىدە ئېچىپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىنى نەرسە كۆتۈرگەن شەكىلدە ئاستا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاستا نەپەسلىنىپ يۇقىرىغا قاراپ بەلنى تىك تۇتۇش ھەرىكىتىنى قىلىپ، كۈندە ئەتىگەن كەچتە بىر قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 36 قېتىم ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى قىلغاندا ئۆزىنىڭ بەدىنىنى كۆتۈرەلەيدىغان دەرىجىدە ئىشلەش، بەك كۈچەپ ئىشلىمەسلىك كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەل ئومۇرتقا كېسىلى بارلار قىلسا بولمايدىغان ھەرىكەتلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۆرە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بېلى ئاسان زەخملىنىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .