بەزىلەر بەل ئومۇرتقا كېسىلى بارلارغا بەزى ھەرىكەتلەرنى قىلسا بەل ئومۇرتقىسىنى ئاسرىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، يەنى تېز مېڭىش ۋە سۇ ئۈزۈش دېگەندەك، ئەمما قايسى ھەرىكەتنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتمايدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بەل ئومۇرتقا كېسىلى سەۋەبلىك بەلنىڭ قان ئايلىنىشى ناچار كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى كۆپ ھەرىكەت قىلمىغىنى تۈزۈك. 

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بەزى ياشانغانلار ئارقىچە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئامراق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت بەل ئومۇرتقا كېسىلى بارلاردا يېقىلىپ چۈشۈپ سۆڭىكى سۇنۇش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ، يەنە بەزى ياشانغانلار بەدىنىنى دەرەخكە سۈركەشكە ئامراق، بۇ ھەرىكەتنىڭ سىڭىرلارنى بوشىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇش رولى بولسىمۇ، بىراق بەل ئومۇرتقا كېسىلى بارلارنىڭ نېرۋىسىنى بېسىپ ھەر خىل ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا بەل ئومۇرتقا كېسىلى بارلار يۇقىرىقى ئىككى خىل ھەرىكەتنى قىلمىغىنى ياخشى.


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بەل ئومۇرتقىسى كېسىلى بولغانلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .