كۆكتات كۆزگە ئاق چۈشۈشنى تېزگىنلەيدۇ

ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 324 قوشكېزەك (قىزلار)نى تاللاپ 10 يىل تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «ئادەم يېمەك-ئىچمەكتە ۋىتامىن Cقوبۇل قىلىشنى كۈچەيتسە، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتىن قوبۇل قىلغان ۋىتامىن بەك ئاز كىشىلەرگە قارىغاندا، ۋىتامىن Cنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %34 ئازىيىدىكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىرىستال تەنچىسى ئون يىل بۇرۇن قانداق بولسا، ئون يىلدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىكەن».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«قارىغاندا يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ۋىتامىن C كۆز يېشىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، كۆزنىڭ كىرىستال تەنچىسىنى ئوكسىدلىنىشتىن ساقلاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ نەتىجە كۆزگە ئاق چۈشۈش خەتىرىنى ئاجىزلىتىدۇ».

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دائىم كۆزى تورلىشىدىغانلارنىڭ كۆزىنى ئاسراش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .