دائىم كۆزى تورلىشىدىغانلارنىڭ كۆزىنى ئاسراش ئۇسۇلى

ياشانغانلاردا كۆز تورلىشىش ئەھۋاللىرى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىشى، يەنى قاچا يۇيۇش، ئۈستەل سۈرتۈش، پول سۈرتۈش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە، بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە سەيلە قىلىش، يېنىك ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىدىغان ئادەت يېتىلدۈرسە، ئۇلار بەدەندىكى ھەر قايسى سىستېمىلارنى ئېچىپ، بىزنى كۆزنى ئاسراش مەقسىدىگە يەتكۈزىدۇ.

يەنە كۆز قارىچۇقىنى ئۇيان-بۇيان ھەرىكەتلەندۈرۈپ، پات-پات تېز سۈرئەتتە ئېچىپ-يۇمۇپ بەرسىمۇ پايدىسى بولىدۇ، قاراڭغۇ يەرلەردىن  يورۇق يەرلەرگە تۇيۇقسىز كېلىپ قالغاندا ئالدى بىلەن قەدەمدە توختىتىپ تامغا تىرەلگەن ھالدا بىر ئاز كۆزنى يۇمىۋېلىپ ئاندىن ئاچسا، كۆزى زەخمىلەنمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ھەممىسىدە بېلىق يېسە، بولسا سېرىق پۇرچاق كۈنجۈتلەرنى يەپ تۇرسا كۆزنى ئاسراش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ.


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى كۆكتات كۆزگە ئاق چۈشۈشنى تېزگىنلەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .