ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ ئىچى سۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك  

سەۋەبى: ئاشقازان ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل سەۋەبلەردىن، شۇنىڭدەك بۇزۇلغان سۈتنى ئىمىش، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئۈچەينىڭ بىۋاسىتە مىكروبلىرى بىلەن يۇقۇملىنىشى، ئۈچەينىڭ  زەخىملىنىشى، قىزىل، خولېرا، تولغاق قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن ئۈچەي غىدىقلىنىش كۈچىيىپ ئۈچەيدە ياللۇغ كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلانغانلىقتىن ئىچى سۈرۈش بولىدۇ، قورساق ئاغرىيدۇ، توڭلاپ تىترەش، بەدەن تېمپىراتۇراسى ئۆرلەش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش بولىدۇ. ئاغرىش كىندىك ئەتراپىدا كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ. بالا كىندىك  ئەتراپىنى تۇتۇپ يىغلايدۇ. تىلىنى قارا گەز باغلايدۇ، ئۇسسۇزلۇقى يۇقىرى بولىدۇ، كۆز ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ھەزىمنى ياخشىلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسېپ: ئىسپىغۇلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ، لۇئابىنى چىقىرىپ بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 
2-رېتسېپ: قىيمىقۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ، لۇئابىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 
3-رېتسېپ: تاباشىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، گۈلقەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
4-رېتسېپ: يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، ئاندىن يۇمشاق سوقۇپ، سوغۇق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشكە بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 
5-رېتسېپ: موزا ۋە سېرىق ھېلىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق قايناق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 
6-رېتسېپ: ھۆل سېمىز ئوتتىن 66 گىرام ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ قايناقسۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئەرقى كاسىنە، ئەرقى شوخلا، ئامىلە نۇشدارى، قۇرسى تاباشىر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ  بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قوينىڭ ئۈچىيىنى توغراپ، گۈرۈچ بىلەن پىشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ. قورىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلاردىكى قەۋزىيەت 小儿便秘 تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كىچىك بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش 小儿腹泻 توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .