ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • مەرغۇبە ساقىيىدىغان بولدى
  • ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 4–يانۋار چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچى خەير–ساخا... تەپسىلات »

  • ئاق قان كىسىلى...

  • سىڭلىمىز نۇربىي...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    مەرغۇبە ساقىيىدىغان بولدى
    2011-08-15 12:09:44     نىجات نىياز     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 4–يانۋار چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچى خەير–ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ، ئاغرىق ئازابىدا ياتقان مەرغۇبە ئېلاخۇننىڭ ئوپېراتسىيە چىقىمى ئۈچۈن كېتىدىغان 15 مىڭ يۈەن پۇلنى تۆلىۋەتتى ۋە 2000 يۈەن پۇلنى ئۇنىڭ ئاپىسى سالامەتكە بېرىپ ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ غېمىنى يېنىكلەتتى .

    ئىگىلىنىشىچە ، غۇلجا ناھىيە يېڭى تام يېزا بۇرچى كەنت ئىككىنچى گۇرۇپپا ئەزاسى ئېلاخۇن ئىمىنئاخۇننىڭ كىچىك قىزى نەزىرە 2009–يىل نويابىردا ئويناۋېتىپ يىقىلىپ كېتىش سەۋەبلىك بويۇن ئومۇرتقىسى سۇنۇپ كېتىپ دوختۇرخانىدا داۋالانغان .

    dohtur.com/uploadfile/2011/0105/20110105030524966.jpg" />

    نەزىرەنىڭ ئوپېراتسىيە ۋە باشقا چىقىملىرى ئېلاخۇننى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان . نەزىرەنىڭ ئەھۋالى ئەمدىلا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىپ ، پۈتۈنئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ تۇرۇشىغا ‹‹ بالا كەلسە قوش كەپتۇ ›› دېگەندەك 2010–يىلى ئىيۇلدا چوڭ قىزى مەرغۇبەنىڭ كۆكرەك قىسمىنىڭ سول پەردىسى قۇرۇپ يىرىڭداشقا باشلىغان . ئېلاخۇن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مەرغۇبەنى ئۆيىدە يەرلىك ئۇسۇللاردا داۋالاپ باققان بولسىمۇ بىراق ياخشىلىنىش بولمىغانلىقتىن ، 2010–يىل 25–دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كۆرسەتكەن .

    دوختۇرلار مەرغۇبەنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېشىغا غەم چۈشكەن ۋە يېقىنلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن 25–دېكابىر ‹‹مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى رەيھان خانىمغا تېلېفۇن قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ، قىزىنىڭ ئوپېراتسىيە چىقىمىنى تۆلەشتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان . رەيھان خانىم بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان بىلەن ئالاقىلىشىپ ، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىلىقىنىئېنىقلىغاندىن كېيىن ، مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرىنى مەرغۇبە ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان .

    4–يانۋار چۈشتىن كېيىن ، مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرىدىن تۇرسۇنبۈۋى خانىم 5000 يۈەن ، خەلچىخان ھاجىم ، مەرەمنىسا خانىم ، تۇرانقىز خانىم ، خالىدە ھاجىم ، ئاسىيە ھاجىم ، گۈلچېھرە خانىم قاتارلىق مېھرىبان ئانىلار 1000 يۈەندىن بەس– بەستە پۇل ئىئانە قىلدى . جەمئىي يىغىلغان پۇل 17 مىڭ يۈەن بولۇپ ، ساخاۋەتچى ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرى پۇلنى ئېلىپ مەرغۇبەنىڭ يېنىغا چىقىپ ئۇنىڭغا خاتىرجەم داۋالىنىشىنى ، پۇلدىن غەم قىلماسلىقنى ئېيتتى . مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى ھەبىبە خانىم مەرغۇبەنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تامىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

    دوختۇر ساغلاملىق تورىdohtur.com/uploadfile/2011/0105/20110105031516211.jpg" style="width: 500px; height: 333px; " />

    مەرغۇبەنىڭ دادىسى ئېلاخۇن مۇنداق دېدى : كىچىك قىزىمنى ساقايتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل كەتتى ، كىچىك قىزىمنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، قىش پەسلى بولغاچقا يېزىدىمۇ ئىش يوق ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن يۇرتقا قايتىش پىلانىمدىن ۋاز كېچىپ ئۈرۈمچىدە مال پرىسلاپ ، يۈك توشۇپ پۇل تاپتىم . تۇيۇقسىز چوڭ قىزىم بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ ، بىزنى تەمتىرىتىپلا قويدى ، يىغقان پۇللىرىمىزنىڭ بارىنى كىچىك قىزىمىزغا ئىشلىتىپ بولغاچقا ، چوڭ قىزىمىزنى داۋالىتىشتا قىينىلىپ قالدۇق ، تۇغقانلىرىمىزغىمۇ دېيەلمىدۇق ، بۇ جەرياندا ئايالىم ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، مانا بۈگۈن ئۇلارنىڭ ياردىمىدە قىزىم ساقىيىدىغان بولدى ، ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .

    مەرغۇبەنىڭ ئاپىسى سالامەتخانمۇ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا ساخاۋەتچى ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى .

    مەرغۇبەنىڭ مەسئۇل دوختۇرى قەيسەر مەرغۇبەنىڭ 5–يانۋار (بۈگۈن )ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ، كۆپچىلىكنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى ، بىمارنى چوقۇم ياخشى داۋالاپ ساقايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ( مۇھەررىر : نىجات )

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مەرغۇبە   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئاق قان كىسىلى! زۇلقەرجانغا ياردەم
  • كىيىنكى ئەسەر : ئۈرۈمچىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار بەلگىلەنگەن نۇقتىدىكى داۋالاش ئاپ
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号