ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى
2011-08-15 13:17:36     4تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ يۇقىرقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، يەنە بەزى دورىلار بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، يەنى يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى،خۇشلۇق كەلتۇرگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى مەرۋايىت، سەدەپ ،لاجۋەرد، زەھرى موھرە قاتارلىق مەدەن دورىلارنى لايىقلاشتۇرغاندا تالقانلىنىش ئۆلچىمىگە يەتمەسلىكى تۈپەيلىدىن، مەدەن دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى خېمىيلىك ماددىلار پارچىلانماي، ئەزالاردا چۆكمىگە چۈشۈپ ئۆت، بۆرەك تاش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

 

بەدەننى قۇۋەتلەپ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، مەنى تۇتقۇچى دورىلاردىن ۋاڭ ئۇرۇغى، بەزىرۇلبەنجى، كۇچۇلا، سىر قاتارلىقلارنى گىلى ھىكمەت قىلىپ لايىقلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەندە، ئورگانىزىمدا بەزى پاتافىزىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ ھاياتلىققا خەۋىپ يەتكۈزىشى مۇمكىن، تەركىبىدە ئەپىيۈن، نەشە قاتارلىق دورىلار بولغان مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىنمۇ نېرۋا ئاجىزلىقى، پەي موسكۇللار بوشىشىپ ،خۇما پەيدا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

 
 بۇندىن باشقا يەنە بەزى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن:يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئاللېرگىيلىك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيشىگە ئەگىشىپ سىماب، چايان، سەكسەن پۇت، ئۇچقۇر پاقىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەل ھەيدىگۈچى قان تازلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىكنى داۋالاش مەقسىتىگە ئېرىشىلسىمۇ، ئەمما شۇ خىل كېسەللىكنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىنكى قايتا قوزغىلىش ھالىتىگە ئىشلىتىلگەندە، دورا بەدەنگە تەسىر قىلمايدىغان، ھەتتا باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن.
 
 يەنە بەدەننى قۇۋەتلەش ، يەل ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە  ئاقمۇچ، زىرە، پىلپىل،كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، تاشاڭ دىگەنگە ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشتىن قاننىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىش، قان قۇيۇلۇش،يۇقۇرى قان بېسىم،يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تۇمۇر تارىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن يۇيۇنۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلار بىلەن ياغلىنىش سەۋەبىدىن تېرلەرنىڭ مىزاجى بوزۇلۇپ پەي مۇسكۇللار يېغىلىپ قېلىش قاتارلىق  ئەھۋاللار، ئۇنىڭ ئەكىسچە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن ئورگانىزىمنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ، خېلىتلار تەڭپۇڭلىقى بوزۇلۇپ ئاق كېسەل، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
 
   ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر ياخشى دورىمۇ بەدەنگە نىسبەتەن يات ماددا بولغانلقىدىن بەلگىلىك ئەكىس تەسىرگە ئىگە بولىدۇ. كونىلاردا << دورا چېكىدىن ئېشىپ كەتسە زەھەرلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ >>، << دورىغا تايىنىپ ياشىغان ئادەم بەخىتسىزدۇر >>،ئاچكۆز ئادەمنىڭ بەدىنىدە كېسەل كۆپ>><<كېسەل ئېغىزدىن كېرىدۇ>>دېگەندەك گەپلەر بار. شۇڭا دورىلارنى قارىغۇلارچە ئېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، تېببى مۇتەخەسىسلەردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراش، ئىلمى كۈتۈنۈش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇپ دورىلارنى قائىدە بويىچە ئېستىمال قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
  • مەنبە : 4تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەكىس تەسىر   |   ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئۇيغۇر تېبابەت يەككە دورىلىرنىڭ تۈرى
  • كىيىنكى ئەسەر : ئەبۇ ئەلىي ئىبنىسىىنا ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى -ئەلقانۇن فىتتىب
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号