1. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كەڭ كۆلەمدە بازارغا يۈزلەندى. ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەلقىمىز ئارىسىدىلا تارقىلىپ، قوللىنىلىپ كەلگەنىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن كېيىن بۇ ھالەتتە قىسمەن ئۆزگىرىش بولدى.
بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت ياكى كوللېكتىپ مەبلەغ سالغان ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى، شىپاخانىلار، ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە تەربىيىلەش نۇقتىلىرى، تەتقىقات ئورۇنلىرى بارلىققا كەلدى. ئىككىنچىدىن، ئەنئەنىۋى تېۋىپلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئائىلىدە كېسەل كۆرۈپ كېلىۋاتقان بەزى تېۋىپلار جەمئىيەت ئېھتىياجى تۈپەيلى مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. مانا مۇشۇنداق دەۋر ۋە بازار ئۆزگىرىشى دورا ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تېبابەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا يۈزلىنىشىنى تېزلەتتى. بۇ جەرياندا يەنە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى كۆپلەپ رويخەتكە ئېلىندى ۋە دوختۇرخانا، ئامبۇلاتورىيىلەردە مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بازار بوشلۇقىنىڭ كېڭىيىش جەريانى، ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ كەسىپنىڭ رەسمىي بازارغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ بازار باھاسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، شۇنداقلا كلىنىكىلىق داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭمۇ مۇقىم باھا ھاسىل قىلىشى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر. كونكرېت پۇل ئۆلچىمى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان باھانىڭ ھاسىل بولۇشى ئۇيغۇر تېبابىتىدىن ئىبارەت سەھىيە مەدەنىيىتى ھادىسىسىنىڭ مۇقىم ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى باشلانغۇچ جەريانىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەك، مۇشۇ جەرياندا تۆۋەن تەننەرختىكى ئەنئەنىۋى تېۋىپلىق مەخسۇس بازار باھاسىغا ئىگە مۇلازىمەت تۈرىگە ئۆزگەردى.
2 . ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كارخانىلىشىش ئامىللىرى پەيدا بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قۇرۇلمىسىدا ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەشكىللىنىشىدە كۈچلۈكرەك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ قاتارىغا مەخسۇس تىجارەتچى ۋە شىركەت قۇرغۇچىلار قېتىلدى ھەم ئەسلىدىكى كەسىپ تەقسىماتى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىندى. ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى ئەسلىدىكى ئائىلىدە كېسەل كۆرۈشتىن ئامبۇلاتورىيىلەردە كېسەل كۆرۈشكە تەرەققىي قىلدى. دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىلگىرى ئائىلىنى ياكى ھۆكۈمەت ئىگىدارلىقىدىكى زاۋۇتنى ئاساس قىلغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلار مەبلەغ سالغان دورا زاۋۇتى كۈنسېرى كۆپەيدى. تېبابەت ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى كەسىپ گەۋدىلىرى پەيدا بولدى. ھازىر تېبابەت كەسپى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانا نەچچە ئونغا يەتتى. كارخانىلار تۈركۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى يېڭى تەرەققىيات يولىغا باشلىدى. ھازىرقى زامان ئىستېمال مۇھىتىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ كارخانىلىشىشى، ئۇنىڭ رەسمىي ئىقتىسادىي كەسىپ قاتارىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ بازار پايدىسىنى قوغلىشىدىغان سۇبيېكتلارنىڭ ياكى ئېشىنچا مەبلەغنىڭ بۇ ساھەگە يۈزلىنىشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى.
3 .رايون خاراكتېرلىك تەرەققىيات بازىلىرى شەكىللەندى. خوتەن دىيارى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازا بولۇپ كەلدى. بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئالتە چوڭ كەسىپنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن خوتەن ۋىلايىتىدە نەچچە ئونلىغان تېبابەتچىلىك كارخانىسى، شىپاخانىسى بارلىققا كەلدى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ماكانلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار مۇھىم ئىستېمال بازىرىنى شەكىللەندۈردى.
4. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە ئىستېمال قىزغىنلىقى كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىنىشى ئىستېمالچىلارنى داۋالىنىش ۋە ساقلىق ساقلاش جەھەتتە يېڭى مەھسۇلات مەنبەسى ياكى تاللاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ دۆلەت دورا قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈشى، شۇنداقلا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىشى ھەم مەخسۇس زاۋۇتلاردا كاپسۇل، كۇمىلاچ ياكى سۇيۇقلۇق شەكلىدە ئوراپ قاچىلىنىپ بازارغا سېلىنىشى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ كىىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئىستېمالىدىكى نوپۇزىنى ئاشۇردى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى جاھىلراق كېسەللەرنى يىلتىزىدىن داۋالاش ھەم ئەكس تەسىرى بولماسلىق ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاممىنىڭ قىزغىن ئىستېمال قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسېپلىرى بويىچە ئىشلەنگەن بىر قىسىم ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ رويخەتكە ئالدۇرغان دورىلارغا ئوخشاش بازاردا ياخشى تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم ساياھەت سوۋغات بۇيۇمىغا ئايلاندى. بۇلار ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى تەرەققىياتىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى يوشۇرۇن ئىستېمال بوشلۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
(ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى)
(خەۋەرلەر تورىدىن)