ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش
  • بۇ ئۇمۇرتقا تەخسىلىرى، چوڭ بۇغۇملار ھەمدە تاپان قاتارلىق ئورۇنلاردا ناھايىتى كىچىك كۆ... تەپسىلات »

  • ئەزا تارتىپ لىك...

  • قاتما خاراكتىرل...

  • سۆڭەك ئۆسمىسى

  • بوغۇم ياللۇغى
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    قاتما خاراكتىرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى
    2011-08-15 12:41:11     تور ماتېرىيالى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    قاتما خاراكتىرلىك ئۇمۇرىتقا ياللۇغى ئىچكى تاشقى سوغوقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان، كىلىنكىدا بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىش كۇچىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جاھىل خاراكتىرلىك كىس
    بەل ئومۇرتقا سۆڭىىكى



    دىئاگىنۇز ئاساسى: 
     
    1)  بىماردا كورولگەن تىپىك كىلنىك ئالامەتلەرگە ئاساسەن : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۇتۇن بەدەن سوغوق بولوش، زىيادە توڭوش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش .
     
    2)      قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
     
    (1)     لابراتۇريەلىك تەكشۇرگەندە ASO مۇسبەت بۇلۇش، ESR يۇقىرى بۇلۇش .
     
    (2)  رىنتىگىندا ياكى MRIسايىلاندۇرۇپ تەكشۇرگەندە ئۇمۇرتقا تۈۋرىگىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئەگىرلىكى يوقۇلۇش، ئۇمۇرتقا سۆڭىگىنىڭ قىرى بۇزۇلۇش، ئۇمۇرتقا تۈۋرىگىدە بامبۇكسىمان ھالەت شەكىللىنىش، ئۇمۇرتقا پەي – مۇسكۇللىرى ياللۇغلىنىپ ئىششىش، ئېغىرلىرىدا مۇسكۇل قىتىپ كالتىسىي لىشىش ئەھۋالى بۇلۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولدى .
     
    ئالامىتى :
     
    بىماردا كىسەل باشلانغاندا بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بۇلۇپ ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ، تەدرىجى ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا ھەركىتى قىيىنلىشىش، مۇسكۇللار قېتىش ئەھۋالى بۇلۇپ ئېغىرلاشقاندا ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى غەيرىلىشىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتىسىي لىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بۇلۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش – ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
     
    دەرىجىگە بۆلۈنىشى :
     
    1 . يىنىك دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بۇلۇپ ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ،
     
    2 . ئوتتۇرھال دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا ھەركىتى قىيىنلىشىش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش يەڭگىل دەرىجىدە قىيىنلىشىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولىدۇ .
     
    3 . ئېغىر دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى غەيرىلىشىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتىسىي لىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بۇلۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
  • مەنبە : تور ماتېرىيالى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئومۇرتقا ياللۇغى   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : سۆڭەك ئۆسمىسى
  • كىيىنكى ئەسەر : سۆڭەك ئۆسۈش كىسەللىكىنى قايسى خىل ئۇسۇل بويچە داۋالاش ئىلىپ بارسا ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولىدۇ؟
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号