
ئۇنىڭدا يەنە جىسمانىي مەشىقلەر ۋە ھەرىكەتلەر، مۇنچا توغرىسىدىكى مەسلىھەتلەر، بەدەننى ئۇۋىلاشقا (ماساژ قىلىشقا) دائىر مەسلىھەتلەر بار.
«ئەلقانۇن»دا ئۇۋىلاشنىڭ ئىككى خىل تۈرى بايان قىلىدۇ. تەييارگەرلىك ئۇۋىلىشى ۋە جىسمانىي مەشىقلەردىن كېيىن قىلىنىدىغان بەدەننى بۇشاشتۇرۇش ۋە ئارتۇقچە زورىقىشنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئۇۋىلاش ـ ئۇۋىلاپ داۋالاش ۋە چارچاشقا قارشى كۆرۈش سۈپىتىدە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىردۇر.
ئەمەلىيەت ئىبنىسىنانىڭ گىيگانىلىق تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىبنىسىنانىڭ ساقلىقنى ساقلاش ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنىڭ كۆپرەك قىسىملىرىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى بەزى پەرىقلەرنى چۈشىنىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كىشىلەر ۋە شەرت-شارائىتى بارلار ئىبنىسىنانىڭ بۇ ئېيتقانلىرىدىن تولۇق پايدىلىنالايدۇ. ساغلام ۋە كېسەل بالىلارنى پەرۋىش قىلىش ھەققىدە بۇ مەسىلىلەرگە ئەلقانۇننىڭ بەزى پەسىللىرى ئالاھىدە بېغىشلانغان، ئەلقانۇننىڭ كۆپلىگەن نازۇك كۆزىتىشلەر ۋە ئېقىنلىق دانا مەسلىھەتلەر بېرىلگەن. ئىبنىسىنانى بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئىلمىنى بەرپا قىلغۇچى ۋە ئاساس سالغۇچى ئالىم دەپ ھىساپلاشقا تولۇق ھەقلىقتۇر.
ئەلقانۇننىڭ بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئىلمىگە بېغىشلانغان قىسمى بالىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ۋە تەكشۈرۈشىن باشلىنىدۇ. ىبنىسىنا ئۆز دەۋرىدە بىللە ئۆتكەن زامانداشلىرىنىڭ، خۇسۇسەن بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئىلمى ساھەسىدە ناھايىتى چوڭ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن، ياۋروپادا ياخشى ناملار ىبلەن ئاتاغان بۇخارالىق ئالىم رازىينىڭ تەجىربىسىدىن پايدىلانغان، ئەڭ بىرىنچى بولۇپ بالىلارنىڭ قىزىل كېسىلى بىلەن نەچچە مىڭ كېسەلنى ئايرىپ چىقىپ ئالاھىدە ئەسەرلەرنى يازغان ۋە ئەسەردە بۇ كېسەلنى تەرىپلەپ چۈشەندۈرگەن كىشى رازى ئىدى.
ئىبنىسىنانىڭ زاماندىشى ۋە ھېكىم ئارىپ «قورساقتا بالىنىڭ پەيدا بولىشى، ھامىلدار ئايال ۋە يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش، داۋالاش» ناملىق ئىلمى ئەسەرنى يازغان. ئارىپ ھەم ئىبنىسىناغا مەلۇم بولغان بولسا كېرەك، بۇ ئەسەردە بالىنىڭ تۇغۇلىشى تەرەققىي قىلىشى ۋە دەۋىرلىرى تولۇق بايان قىلىنغان. ئارىپ سۇقرات بىلەن جالىنۇسنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن بۇ ئىلمىي ئەسەرنى يازغانىدى. ئىبنىسىنانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ كۆپلىرى ئارىپ ۋە باشقا شۇ دەۋىردىكى ۋىراچ ھەكىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن. ئىبنىسىنانىڭ تەلىماتلىرى ئۆز ئالدىغا تەجىربىدىن ئۆتكەن مۇستەقىل تەلىماتلىرىدۇر. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىبنىسىنا بالىنىڭ تەبىئىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى ياخشى چۈشىنىدۇ. بالىغا ھېكىم، دوختۇر سۈپىتىدە ئەمەس ئاتاقلىق پىداگوك (تەربىيىچى) سۈپىتىدە مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ھەم ئەھمىيەت بېرىدۇ.
«ئەلقانۇن»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بالىلارنى تەربىيىلەش ھەققىدىكى كۆپلىگەن پىكىرلەر مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن كىشىنى ھەيرانلىقتا قالدۇرىدۇ. مەسىلەن: بالىلارنى تەربىيىلەش قائىدە تەرتىپىگە بېغىشلانغان بىر مەزمۇنىدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «بالىلارنىڭ خۇلىقلىرىنى مۆتىدىللىكتە ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت ۋە ئىتىبار بېرىش كېرەك.
ئۇ بولسا بالىنى قاتتىق غەزەپ، قورقۇش، قايغۇ ۋە ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلاش بىلەن قولغا كەلتۈرىدۇ. » ھەر ۋاقىت بالىنى ئارزۇ قىلغان ۋە تەلەپ قىلغان نەرسىنى تەلەپ قىلىشقا ۋە تەلەپ قىلمىغان ۋە ئارزۇ قىلمىغان نەرسىنى بالىدىن يېراق قىلىشقا تەييار تۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئىككى مەنپەئەتى بار، بىرى بالىنىڭ روھى ئۈچۈن بولۇپ بۇ بالىنىڭ كىچىك ۋاقتى ۋە ياشلىقىدىن باشلاپ ياخشى خۇلقلۇق ۋە ئەقىللىق ئادەم بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە چوڭىغاندىن كېيىن بۇ. ئشلار ئۇنىڭغا ئاجايىپ ياخشى خۇلۇق خىسلەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ھەمراھ بولىدۇ. ئىككىنچىسى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەدىنى ئۈچۈن بولۇپ، يامان خىۇلۇق، يامان بۇۇق مىزاجلاردىن ساقلايدۇ. «غەزەپ-نەپرەت ناھايىتى كۈچلۈك قىزىتىدۇ، قايغۇ-ھەسرەت كۈچلۈك قورقىتىدۇ، غەم-ئەندىشە نەپسانىي قۇۋەتنىبوشاشتۇرۇپ مىزاجنى بەلغەم خىلىتقا مايىللاشتۇرىدۇ.
مىزاچ خۇلۇقنىڭ مۆتىدىللىكى نەتىجىسىدە نەپەس ۋە بەدەن ساغلاملىق ياخشى ساقلىنىدۇ» يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئىبنىسىنانىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتە مەقسەتنى ئالدىغا قويۇش بالىلاردا چىدامچانلىق تەبىئەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تەدبىرى ھەم ھەرىكىتى، بالىنىڭ روھى جىسمانىي راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە باغلىق ئىكەنلىگىنى چۈشىنىش ھەم بۇلارغا ئېتبار بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقتۇر. پېداگوگىكا تارىخىدا ئىبنىسىنانىڭ تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ، ئۇنى ئېتىبارغا ئېلىش يادلاش ھەم خاتىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىبنىسىنا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋرۇپا پىدا ئارتىرىيە (بالىلارنى تەربىيىلەش) ئىلمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ناھايىتى چوڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. «ئەلقانۇن پېتىش»مۇ كلىنىكا دىئاكتىكا بىلەن بىر قاتاردىكى بىر تەربىيە ئىلمىدۇر.
كېسەللىكلەرنىڭ كېسىلىنىڭ مەنزىرلىرىنى ناھايىتى ئېنىق بولىشى، دىئاگىنوستىكنىڭ نازۇكلىقى، ھەر خىل ساھەلەردىكى بولۇپمۇ قىسمەن ئىچكى كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى بىھىساپ كۆپ كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى ئىبنىسىنانىڭ غەيرە تەبىئىي كۈزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى قابىلىيەتلىك ماھارەتلىك دىئاگنوز ئىكەنلىكىنى ئۆز زامانداشلىرى ئېنىقلاپ دىئاگنوز قويۇشقا ئاجىز كەلگەن ياكى ئاساسسىز پەرەز بىلەن خاتا دىئاگىنوز قويغان. كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ياكى ئالامىتى ئېنىق بولمىغان كېسەللىكلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتۈپ كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ۋە بىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىبنىسىنا تەرىپىدىن بايان قىلىنغان ناھايىتى كۆپ مەسلىھەتلەرنىڭ كەشپىياتلارنىڭ توغرىلىقى ۋە جانلىقلىقى ھەممىدىن بۇرۇن ئۇنىڭ تەجرىبە ۋە كېلىنىك كۈزۈتۈشلىرىگە ئاساسلانغان چارە تەدبىر ئۇسۇللىرىنىڭ جانلىقىدىن كېلىپ چىققان. مىدىتسىنا ئىلمىنىڭ ھەممە بۆلۈملىرى ھەم ئىبنىسىنا تەرىپىدىن بېيىتىلغان. ئىبنىسىنا بۇ بۆلۈملەرنىڭ ھەممىسىگە ئەجىر قىلىپ ئۆز ھەسسىنى قوشقان كېسەللىكلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئىنچىكە، يېڭى ئالامەتلىرىنى ئېنىقلىغان. ئىبنىسىنا دەۋرىگىچە ھېچ كىم ئۇقامىغان، ئايرىيالمىغان كېسەللىكلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ پەرەقلەندۈرۈپ ئاجراتقان. بۇ توغرىسىدا بىر قانچە ئەمەلىي مىساللار كەلتۈرىمىز. بىرىنچى مىسال: كائۇن كېسىلى بىلەن چابا كېسەللىكىنى ئىبىنىسىنا تۈنجى قېتىم پەرىق قىلغان، رازى چېچەك كېسىلىنى مۇستەقىل كېسەل دەپ قارىغان.
ئىبنىسىنا چېچەكنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنى تۈنجى قېتىم ئايرىپ چىققان. ئىبنىسىنا ماخاۋ كېسەللىكىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن، شۇ ۋاقىتقا قەدەر دائىل پېل (پىل پۇت) كېسەللىكى تېرە قاقاچلىشىش كېسەللىكى بىلەن ئارلىشىپ كەلگەن. پىل ۋىرىت (زاتىل) كېسەللىكى بىلەن ئۆپكە يالۇغلىنىش كېسەللىكىنىڭ پەرقىنى ئايرىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن «ئەلقانۇن»دا ئېيتىلغان كېسەللىكلەرنىڭ ئەمەلىي كېسىلىنىڭ كۆزىتىشلىرى، تەجرىبىلىرى كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
«ئەلقانۇن»نىڭ ئۈچىنچى تومىدا چۈشەندۈرۈلگەن پىلۋىرىت كېسەللىكى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ئادەتتىكى پىلۋىرىت كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ھەممىگە ئاياندۇر. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توختاۋسىز رەۋىشتە ئىستمىدايدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن قۇۋۇرغىلىرىدا سانجىق پەيدا بولىدۇ. بەزىدە نەپەس ئالغاندا، ھاۋا ئالماشقاندا ئاغرىق سېزىلىدۇ. بۇنىڭغا قۇشۇلۇپ دەم سىقىلىدۇ. سانجىق بوسا كېسەللىكنىڭ بەكمۇ چوڭقۇر كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈچىنچى ئالامەت شۇكى، بىمار بەلغەم توپلىشىپ يىقىلىپ قېلىش سەۋەپتىن نەپەس قىيىنلىشىپ يۇقىرىغا تىنىدۇ ۋە تېز-تېز نەپەس ئالىدۇ. تۆتىنچى ئالامەت شۇكى، تومۇر تەكشىسىز بولۇپ، بىر دەم ئاستا بىر دەم تېز-تېز سالىدۇ. بىمار ئاجىزلاشقانسېرى، كېسەللىك تەرەققىي قىلغانسېرى، تومۇرنىڭ تەكشىسىزلىكى ئېشىۋېرىدۇ. بەشىنچى ئالامەت ـــ يۆتەلدۇر. بەزىدە كېسەللىك باشلىنىشىدا قورۇق يۆتەل بولىدۇ.
ئاخىرىدا بەلغەم چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ئۆپكىنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر يۆتىلىشنىڭ بەلغەم كەلسە بۇ ياخشى ئالامەت بولىدۇ. ئەمما، ئۆپكە زەخىملەنگەن بولسا يۆتەل پۈتەنلەي بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىسى ھەيران قالارلىقكى «ئەلقانۇننى» يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىققان تەتقىقاتىلار ئىبنىسىنا بايان قىلغان بەزى ئىنچىكە پەرەزلەرنى سەلبىي تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ، بەزى خاتا چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدا ئىبنىسىنانىڭ كېسەللىكلەرنىڭ كلىنىك ئالامەتلىرىنى ۋە كلىنىكىغا كىرگۈزگەن يېڭى مۇھىم تەكلىپلىرىنى ئېتىبارنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان.
ئىككىنچى مىسال: «ئەلقانۇن»دا تەرىپلەنگەن دىئابىت كېسەللىكىدۇر. ناھايىتى كۆپ تېببىي دەرسلىكلەردە، تېببىي ئەسەرلەردە ۋە ھەممە ئىنسىكلوپىدىيىلەردە دىئابىت كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بىمالارنىڭ سۈيدۈكىدىن شېكەر تەمى كېلىدۇ، دەپ بايان قىلىنىدۇ. تۇنجى بولۇپ 17-ئەسىردە كۆپ ئېتىبار بەرگەن كىشى تۇماس، ئۇ ئىللىس دېگەن ئىنگلىز ۋىراچتۇر دېيىلگەن. شۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ 1775-يىلدا ئۆتكەن ئالىم داپسان سۈيدۈكتىن شېرىن تەمنىڭ كېلىشى شېكەردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى دېيىلگەن. ھالبۇكى دىئابىت كېسەللىكى ئەلقانۇندا تەپسىلىي بايان قىلىنغان، تېز-تېز ۋە كۆپ-كۆپ سىيىش، دائىم ئۇسساپ تۇرۇش ۋە ئېغىر، گال قۇرۇق، بىمارنىڭ ئۇرۇقلىشى ۋە دەرمانسىزلىقى بەزىدە بىمارنىڭ گانگىرىينا كېسەللىككە مۇپتىلا بولۇش تولۇق بايان قىلىنغان، بۇ كېسەللىكتە سۈيدۈك سۈزۈك، ئېغىر ۋە كۆپ بولىدۇ. سۈيدۈك ھورغا ئايلانغاندىن كېيىن، قالغان چۆكمىسى ھەسەلدەك شېرىن تەمگە ئىگە بولىدۇ، دېيىلگەن. ئىبنىسىنانىڭ دىئاگنوستىكىغا ئائىت چارە-ئۇسۇللىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇتۇپ كۆرۈش ۋە تورمۇنى كۆزىتىشكە ئائىت ئوبيېكتىپ مەلۇماتلاردىن، تېرىنىڭ نەملىكى ياكى قۇرۇقلۇقنى ئېنىقلاش، سۈيدۈك، پىشەپ ۋە قانغا دائىر مەلۇماتلار ھەمدە سورپا ئېنىقلايدىغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىبنى سىنا: «جىگەر پەستىكى نۇكچىسىنى بارماق، قوللار بىلەن تۇتۇپ سىيلاپ، ئۇنىڭ قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىن»، دەيدۇ. مەسىلەن: ئاشقازان يارىسىدا مەلۇم مىقداردا ئوزۇقلۇق ئىستېمال قىلدۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، دىئاگنوزنى ئېنىقلاش دېگەنگە ئوخشاش چارە-تەدبىرلەرنى ئالىم بىر قەدەر تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان.
مەرھۇم تۇردى مۇھەممەت ئەللامە ئىبنىسىنانىڭ بۇ تەلىملىرىنى ئاشقازان يارىسىنى ئېنىقلاشقا تەدبىقلاپ، ئۇنى 23 قېتىم سىناق قىلغان، بۇ سىناقتا ئىبنىسىنانىڭ بۇ تەلىماتى توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئەلقانۇننىڭ بىرىنچى تومىدا يەنە تومۇر بىلەن سۈيدۈككە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. ئەلقانۇندا 15 خىل ئاغرىق تۈرى بارلىقىنى بايان قىلىنىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان بەزى ئالىملار ئەلقانۇن كىتابى توغرىسىدا يازغان بەزى ئەسەرلىرىدە بۇ ئاغرىقلارنىڭ روھىي خېتىنى مۇنداق ئىنچىكە يېزىش ئارتۇقچە دەپ تەنە قىلغان. ئىبنىسىنا ۋە ئۇنىڭ دەۋردە ياشىغان زامانداشلىرىدا ھازىرقى ھەكىملەر، ۋراچلارنى ئوخشاش ناھايىتى يۇقىرى دىئاگنوستىك قوراللار، يەنى مىكروسكوپ، لابوراتورىيە، رىنتىگىن ۋە باشقا يۇقىرى سەۋىيىلىك تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرى يوق ئىدى. ھەكىملەر ۋە ۋراچلار كېسەللىكلەرنى دىئاگنوزىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بەش سەزگۈ ئەزالىرىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر ئىدى. تومۇر، سۈيدۈكۋە پىشاپنىڭ بارچە خۇسۇسىيەتلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش لازىم ئىدى. ئاغرىق ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلەشتە دىئاگنوزنىڭ ئالامەتلەرنىڭ دىتال (تارماق، ئۇششاق قىسىملىرىغىچە) ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى. ئىبنىسىنانىڭ نېرۋا، پسىخىك كېسەللىكىنى چۈشىنىشكە ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ دىئاگنوزنى ئېنىقلاشتا ناھياىتى ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ يېڭىلىقلارنى كىرگۈزگەن. گەرچە ئىبنىسىنانىڭ دەۋرىدە مېدىتسىنا ئىلمىي بۆلۈملەرگە ئايرىپ داۋالاشقا ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ھەر ھالدا ئايرىم ھەكىم، ۋراچلار مەلۇم تۈردىكى مەلۇم كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا مەشھۇر ئىدى.
ئىبنىسىنا ھايات ۋاقتىدا، بولۇپمۇ پسىخىك ۋە نېرۋا كېسەللىكىنى ياخشى بىلگۈچى ۋە داۋالىغۇچى سۈپىتىدە شۆھرەت قازانغانىدى. مىنگىت (سەرسام)نىڭ ئالاھىدە كېسەللىك ۋە ئالاھىيدە فىزىئولوگىيىلىك پۈرمە ئىكەنلىكىنى تەرىپلەش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىبنىسىنانىڭ تۆھپىسىدۇر. ئىبنىسىناغا قەدەر ۋراچلار، ھەكىملەر كۆپلىگەن ئەمەلىيەتلەر ھەمدە ھازىر بىز بىلگەن كېسەللىك بەلگىلىرى دەپ يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ئىشلىتىۋاتقان. بەلگۈلەر ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى بىلەر ئىدى.
بىر-بىرىدىن مۇتلەق باشقىچە بولغان ھادىسىلەر مۇتلەق باشقىچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان كېسەللىكلەر بىر ئورۇنغا توپلىنار ئىدى. ئىبنىسىنا بۇ مۇرەككەپ ۋە چېگىش مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ پىكىرىچە مىنگىت كېسەللىكى ـــ مېڭە پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىش كېسەللىكىدۇر. مىنگىت كېسەللىكىنىڭ ئىبنىسىنا تەرىپىدىن بىلىنىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى ئۇنىڭ بۇ خىل كېسەللىكنى تونۇش ۋە داۋالاشقا قوشقان ئالاھىدە زور تۆھپىسىدۇر.
ئىبنىسىنا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرۈشتە، بەزى ئىنچىكە تەرەپلىرىنى پەرەز ۋە تەخمىن قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەپ-ئالامەتلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكە، تۈرى بويىچە توغرا بايان قىلغان. ئىبنىسىنا بۇ كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا-دەرمانلارنىڭ تۈرلىرىنى ناھايىتى تولۇق بايان قىلغان. دورىگەرلىك ساھەسىدە ئىبنىسىنا كۆزگە كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى يارىتىپ ئالاھىدە ئىزلارنى قالدۇرغان «ئەلاقنن پىتتىب»نىڭ ئىككى تومى دورا-دەرمان ۋاستىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى، ئىشلىتىلىشىگە ئائىت مەزمۇنلارغان بېغىشلانغان. ئىبنىسىنا يۇقىرى سەۋىيىدىكى دوراشۇناسلىق (پارماس) نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان.
ئۇ تارىخقا نەچە ئەسىرلەر داۋام قىلىپ كەلگەن گرىك دورا ئەسەرلىرىدىن شۈبھىلىنىپ قالغان. دورا ساھەسىدىكى تۈرلۈك مەلۇماتلارنى ئۆزى ئايرىم كۆزىتىش ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئۇ مۇكەممەل فارموكوليەنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنىڭغا خەلقلار ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى كىرگۈزۈپ ئۇنى بېيىتقان ـــ جۇڭگو، ھىندىستان ۋە باشقا ئەللەردىن چىقىرىدىغان دورىلارنى فارماكولىيىگە ناھايىتى تولۇق كىرگۈزگەن. بولۇپمۇ ئىبنىسىنا رازىغا ئوخشاش خىمىيە بىلىمى بار ھېكىملەر توپلىغان بىلىملەرنى، دورىلارنى ۋە دورىلارنى ۋاسىتىلىرىنى تولۇق كىرگۈزگەن.
بۇنىڭ بىلەن دورىگەرلىك ۋە باشقا كلىنىك پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شەرقتە نۇرغۇنلىغان فارماسىفلەرنىڭ يېتىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئىبنىسىنانىڭ دورىگەرلىك ئىلمى نەزەرىيىسى دۇنيادىكى ھەرخىل مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارنى مېخانىك (تەكرار) ھالدا بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلمەستىن، بەلكى بۇ مەلۇماتلارنى ئەتراپلىق، تولۇق، سىستېمىغا سېلىش، ئەمەلىي تەجرىبە، كلىنىك كۆزىتىشلەر بىلەن، شۇنداقلا پۈتۈن مېدىتسىنا ئىلمى بىلەن باغلاش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئىبنىسىنا تەرىپىدىن بايان قىلىنغان. خېلىلا كۆپ دورىلار ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دورىگەرلىك فارماكوفىيىلەر كىتابلىرىغا تولۇق كىرگۈزگەن ھازىر ھەم قوللىنىلماقتا.
ئىبنىسىنا يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار ھەققىدە مەخسۇس توختالغان، تېببىي دورىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئالاھىدە تەلەپ قويغان. ئەلقانۇننىڭ ئىككىنچى تومىدا يەككە دورىلار ھەققىدە تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، دورىگەرلەر يەككە دورىلارنى مىزاجىنى تولۇق بىلىشتە، يەككە دورىلارنىڭ مىزاجلىرىنى، تەجرىبە بىلەن بىلىش، سېلىشتۇرۇش يولى بىلەن بىلىش، يەككە دورىلارنىڭ قۇۋۋىتى، تەسىرىنى تولۇق بىلىش، يەككە دورىلارغا كۆرسىتىدىغان تاشقى تەسىرلەرنى بىلىش كېرەك. دورىلارنى يېتىشتۈرۈش، يېغىش، ساقلاش تەلەپلىرىنى ياخشى ئىگىلىشى لازىم.
ئىبنىسىنا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دورا ئىسسىق، بۇ دورا سوغۇق، بۇ دورا قۇرۇق، بۇ دورا ھۆل دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىش كېرەك، بۇ كەيپىياتلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلىش كېرەك. شۇنى ئەۋۋەل ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەدەن، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان جېنسىدىن بولغان مۇرەككەپ جىسىملارنىڭ ئاساسى تۆت ئۇنسۇردۇر. بۇ ئۆسۈملۈكلەر ئارىلىشىپ ئۆزئارا تەڭلەشكەنگە قەدەر ياكى بەزىلىرى بەزىلىرىدىن غالىپ بولغانغا قەدەر بىر-بىرلىرىگە تەسىر قىلىدۇ. بۇ تەسىرلەر بىر ھالەتكە يېتىپ توختىسا ئەنە شۇ ھالەت ھەقىقىي مىزاج بولىدۇ. ئەگەر بىرەر مۇرەككەپ نەرسە ھاسىل بولسا ئەنە شۇ مىزاجنىڭ ئۆزى ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان قۇۋۋەتلەر ۋە كەيپىياتنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. مىزاجنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى، ئادەملەردىكى مۆتىدىل مىزاجنىڭ نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى، دورىلارنى مۆتىدىل مىزاج دەپ ئاتاشنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. ئۆز زامانىدا ھېچ دورىلارنىڭ خىمىيىنى تەركىبىنى ئايرىيدىغان ھېچ قانداق ئانالىز سايمىنى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىبنىسىنا يەككە دورىلارنىڭ مىزاجىنى تەجرىبە يولى بىلەن بىلىش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «دورىلارنىڭ قۇۋۋەتلىرى ئىككى يول بىلەن بىلىنىدۇ.
بىرى، سېلىشتۇرۇش يولى؛ ئىككىنچىسى تەجرىبە يولى. تەجرىبە توغرىسىدا ئالدى بىلەن تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىمىز. «تەجىربە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە شەرتلەرگە رېئايە قىلغاندىلا دورىلارنىڭ قۇۋۋىتىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.
1) تەجرىبە قىلىنغان دورا كېيىنچە ئېلىنغان ھەر قانداق كەيپىياتتىن، مەسىلەن، كېيىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ياكى كېيىن ھاسىل بولغان سوغۇقلۇق ياكى دورىنىڭ ئۆز ماددىسىدا ئۆزگىرىش بولۇشتىن ياكى باشق دورىغا قوشۇلۇشتىن ھاسىل بولغان ھەر قانداق كەيپىياتتىن خالىي بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سۇ ئۆز تەبىئىتىدە سوغۇق بولسىمۇ، قىزىتىلغاندا قىزىق تۇران ھالەتتە، باشقا نەرسىنى قىزىتىدۇ. پەرپىيۇن ئۆز تەبىئىتىدە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنى سۇغۇتۇلسا، سوغۇق بولۇپ تۇرغان ھالەتتە باشقا نەرسىنى سوۋۇتىدۇ. بادەمنىڭ ئۆزى مۆتىدىللىككە يېقىن لەتىف بولسىمۇ، ئاچچىق بولۇپ قالسا قاتتىق قىزىتىدۇ. بېلىق گۆزى ئۆز تەبىئىتى ۋە ماھىيىتىدە سوغۇق بولسىمۇ، ئۇنى تۇزلانسا قاتتىق قىزىتىدۇ.
2) تەجرىبە قىلىنغۇچى كىشىنىڭ بىرلا كېسىلى بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ كېسىلى مۇرەككەپ بولۇپ، قارمۇ قارشى داۋالاشنى تەلەپ قىلغان بولسا، بىز تەجرىبە قىلغان دورىمىز ئۇنىڭغا پايدا قىلسا دورىنى قايسى بىر كېسەللىككە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەي قالىمىز. مەسىلەن، بىر كىشىدە بەلغەمدىن بولغان ئىستېما بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا غارىقۇن دەملىمىسى ئىچكۈزگەندىن كېيىن كېسىلى ياخشى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن غارىقۇن ئىستما كېسىلىگە پايدا قىلدى، دېمەك ئۇنىڭ مىزاجى سوغۇق ئىكەن دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى بۇ دورا ئۇنىڭ بەلغەم ماددىنى تارقىتىپ، ئۇنى چىقىرىش يولى بىلەن پايدا قىلغاندۇر. بۇ ماددا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىستما يوقىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆز زاتى بىلەن قىلىنغان پايدا بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە پايدىمۇ ئارىلاشقان. ئۆز زاتى بىلەن پايدا قىلىش، ماددىغا نىسبەتەن بولۇپ، قوشۇمچە تەسىرى ئىستمىغا نىسبەتەندۇر.
3) دورىلار بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى خۇسۇسىيەتلىك ئىككى كېسەللىك ئۈستىدە تەجرىبە قىلىنىپ كۆرۈلۈشى كېرەك. ئەگەر ھەر ئىككىسىگە ھەم پايدا قىلسا دورىلارنىڭ مىزاجى كېسەللىكلەرنىڭ بىرىنىڭ مىزاجىغا قارشى ئىكەن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. كۆپىنچە مۇنداق دورىنىڭ پايدىسى كېسەللىكلەرنىڭ بىرىنىڭ-بىرىگە ئۆز تەبىئىتى بىلەن يەنە بىرىگە قوشۇمچە تەسىرى بىلەن پايدا قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن: سوقمۇنيانى مۇۋاپىق ئېلىپ بىرەر سوغۇق تەبىئەتلىك كېسەللىك ئۈستىدە تەجرىبە قىلساق ئۇ پايدا قىلىپ، قىزىتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۈچ كۈنلۈك قىزىتمىغا ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك كېسەللىك ئۈستىدە تەجرىبە قىلساق بەدەننى سەپرادىن تازىلاش بىلەن پايدا قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندىن كېيىن تەجرىبە دورىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇق ئىكەنلىكىگە ئىشەنچە بېرەلمەيدۇ. ھەقىقىي ئىشەنچە، ئىككى خىل تەسىرنىڭ بىرىدە دورا ئۆز تەبىئىتى بىلەن يەنە بىرىدە قوشۇمچە تەسىرى بىلەن پايدا قىلغانلىقىدۇر.
4) دورىنىڭ قۇۋۋىتى جەھەتتىن ئۆزىگە تەڭ كېسەللىكككە ئىشلىتىلگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى بەزى دورىلارنىڭ ئىسسىقلىقى تەجرىبە قىلىنىۋاتقان كېسەللىكنىڭ سوغۇقلۇقىغا نىسبەتەن ئاجىز كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دورا ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايدۇ. بەزى دورىلار ئۆزىگە قارىغاندا سوغۇقلۇقى يەڭگىلرەك بولغان كېسەللىككە ئىشلىتىلگەندە قىزىتىش كۈچى يۇقىرىراق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دورىلارنى ئالدىدا يەڭگىلرەك كېسەللىككە ئىشلىتىپ تەجرىبە قىلىپ كۆرۈپ، ئاستا-ئاستا ئېغىر كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىشكە ئۆتۈش كېرەك، دورىنىڭ قۇۋۋىتى بىلىنىپ بىرەر گۇمان قالمىغۇچە سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
5) دورىنىڭ تەسىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاقىنى ئېتبارغا ئېلىش كېرەك. ئەگەر ودىرنى بىرىنچى قېتىم ئىستېمال قىلىش كۇپايە قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا دورا ئۆز تەبىئىتى بىلەن تەسىر قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ دورىنىڭ بىرىنچى ئىستېمالدا كۆرۈلگەن تەسىرى كېيىنكى ئىستېمالدا كۆرۈلگەن تەسىرىگە زىر بولسا، ياكى بىرىنچى ئىستېمالدا كېسەللىككە قارشى تەسىرى كۆرۈلمەستىن، كېيىنرەك كۆرۈلسە، مۇشۇ دورىدىن شۈبھە ۋە گۇمان قىلىشقا بولىدۇ. دورا ئۆزىنىڭ رلىنى قوشۇمچە تەسىرى ئارقىلىق كۆرسەتكەن بولسا، ئەجەب ئەمەسكى، دورا ئالدى بىلەن يوشۇرۇن تەسىر قىلىپ، كېيىن كۆرۈلگەن ئوچۇق تەسىرى قوشۇمچە رەۋىشتە بولغان بولسا، شۈبھە ۋە يېتىشسىزلىكلەر دورىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدە بولغان بولىدۇ. دورا ئەزا ئۇچراشقاندىن كېيىن، تەسىرى كۆرۈلسە، دورىنىڭ تەسىرى قوشۇمچە رەۋىشتە بولغانلىقىغا ئىشەنچە كامىل بولغان بولىدۇ.
ئەگەر ئۆز تەبىئىتى بىلەن تەسىر قىلغاندا ئىدى، ئۇچرىشىپ تۇرغان ھالدا تەسىر قىلغان بولۇپ ۋە ئۇچرىشىپ تۇرغىنىدا تەسىرىدىن توختىتىش ۋە ئاجرىلىپ تۇرغىنىدا تەسىر قىلىش مۇمكىن بولماس ئىدى. بۇلار قانائەتلىنەرلىك ھۆكۈملەر بولۇپ، كۆپچىلىك ھەكىملەرنىڭ ئورتاق پىكىرىدۇر. بەزىدە شۇنداقمۇ بولىدۇكى، دورىلار بەزى جىسىملارنى ئۆز تەبىئىتى بىلەن قىلىدىغان تەسىرىنى قوشۇمچە تەسىرىدىن كېيىن كۆرسىتىدۇ. بۇ ھال ئالدى بىلەن دورا يات بىر قۇۋۋەتنى قوبۇل قىلىپ، كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەبىئىي قۇۋۋەت غەلىبە قىلغاندىن بولىدۇ. مەسىلەن، ئىسسىق سۇ ئەنە شۇ ئىسسىق ھالدا قىزىتىدۇ. ئەمما، ئىككىنچى كۈنى ياكى كېيىنرەك قوشۇمچە تەسىرى يوقالغاندا (سۇ سوغىغانلىقى ئۈچۈن) بەدەندە سوغۇقلۇق پەيدا قىلىدۇ. 6) دورا تەسىرىنىڭ دائىم ياكى كۆپ ھاللاردا ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇرۇشىنى ئىسىدە تۇتۇش كېرەك، شۇنداق بولمىغاندا، ئۇنىڭ تەسىرى قوشۇمچە بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، تەبىئىي نەرسىلەر كۆپ ھاللاردا ئۆزى باشلانغان جايىدىن پەيدا بولىدۇ. خىمىيە ئىلمىگە ئىبنىسىنا تۇنجى بولۇپ ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى. ئۇ بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئىبنىسىنانىڭ «روھ ھەققىدە» دېگەن ئىلمىي ئەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر بابى خىمىيە ئىلمىگە بېغىشلانغان. مەشھۇر فرانسوز خىمىيە ئالىمى مېرتىلۇ خىمىيە ساھەسىدە ئىبنىسىنانىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ناھياىتى كاتتا، زور ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ كۆپلىگەن خىمىيىۋى ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى، خۇسۇسەن ئورگانىك خىمىيە ئىلمىدىكى بىر قانچە نۇقسانلارنى يوقاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈن ئىبنىسىنانىڭ مىنراللاردىن ئالغان دورا-دەرمەكلىرى جالنوس بىلەن بۇتراتنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، باي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ياۋروپا ۋراچلىرىغا شەخسەن، پاراسلىكىغا (15 ـــ 16-ئەسىرلەردە) كەڭ تارقالغان داۋالاش ئۇسۇللىرى زەخىملەرنى سىماب بىلەن داۋالاشنى شەخسەن ئىبنىسىنا كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەلقانۇندا دورىلارنىڭ تەسىرىنى قانداق بىلىش كېرەك دېگەن مەسىلىگە ناھايىتى كۆپ ئەھمىيەت بېرىلگەن ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش يوللىرىنى تولۇق ئېچىپ بەرگەن. مەسىلەن، دورىنىڭ تەسىرىنى سىناق قىلىۋاتقان، كېسەلگە سىناق قىلىۋاتقان ۋاقتىدا بىرەر زىيانلىق تەسىر يۈز بەرمەسلىكى لازىم دېيىلىدۇ.
دورىلارنى ھايۋانلارغا بېرىپ سىناق قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ. دورىلارنى كسەل كىشىگە سىناق قىلغاندىن كېيىن، بۇ دورا ھەققىدە قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئويغىنىش دەۋرىگە ئالاقىدار بولغان كەشپىياتلار ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالغا بېسىشى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسى، پىكىرى تۈپتىن ئۆزگىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سخولاسلار (كۆچۈرۈپ ئەمەل قىلغۇچىلار) تەرىپىدىن ئەلقانۇنغا ئاساسلىنىپ تۈزۈلگەن دوگمالارغا مۇتلەق زىت كېلەتتى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پازسىيە ئەلقانۇننى تەتقىق قىلىپ چىقتى، ئۇ «ئەلقانۇن» بىلەن نىقاپلانغان ئىبنىسىنانىڭ ئەسلىي مىنۇتلىرىنى چەتلەشتۈرەەن ئۇنىڭ پىكىرىلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ساختا، ئويدۇرما تۇرمۇشىغا زىت كېلىدىغان رۇگمالىرىنى نىقاپلاش ئۈچۈن ئەلقانۇننى قالقالغاندا ئايلاندۇرغۇچى سىخولاش ۋە قىرائەتخانىلارنىڭ پارتىيىسىنى تەنقىد قىلغانىدى. ھەقىقەتنى ئالغاندا، پاراسلىشىش بىلەن ئىبنىسىنا ئارىسىدىكى پەرقتىن كۆرە، ئوخشاش تەرەپلەر كۆپرەك، خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئومۇمىي تەرەپتىن ئېتىراپ قىلىنغان، تونۇلغان شەخسلەرگە قارشى تۇرغۇچىلار ئىدى.
پاراسلىس «ئۆز پىكرىمگە ئىگە بولىمەن» دېگەن كىشى باشقا بىراۋنىڭ پىكرىگە ئەگەشمەسلىكى كېرەك، دېگەن ئىشارەتكە ئەمەل قىلار ئىدى. ئىككىلا ئالىم ھەم خىمىيە ئىلمىنى مىدىتسىناغا سىڭدۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان. ئىبنىسىنا باشلىغان ئىشلارنى پارىسلىق، مۇۋەپپەتقىيەت بىلەن داۋاملاشتۇرغانىدى. بەزى ئالىملار ئىبنىسىنانىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇلۇغلار ۋە ماختار ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتقان سىرىغا تولۇق ئەمەل قىلار ئىدى. دېۋىنىڭ خاراكتېرلىرى مىسالى پاپۇئان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پرافېسسورى خۇرارنىڭ 1471-يىلىدا نەشىر قىلىنغان دەرسلىكىدە ئىبنىسىناغا دائىر 3000 ئىبارە دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن. ئۆزى بىلەن جالىنۇستىن 500 مارتىۋە، بۇقراتتىن ئازراق يەنى 140 مەرتىۋە دەلىل كەلتۈرگەن.
بەزىلەر ئۇنىڭغا سەلبىي تەرەپتىن قاراپ سەلبىي خاتا باھالارنى بەرگەن. مەسىلەن: ئاۋۇن زۇئار (1070 ـــ 1164) ئىبنىسىنانىڭ ئەسەرلىرىنى «قەغەزنى ئىسراپ قىلىش» دەپ ئاتىغان، ۋىللان ۋالىق ئارنلىت بولسا «قۇرۇق يېزىش» دەپ ئاتىغان. بىر تەرەپلىمە تارىخچىلار ئىبنىسىنانىڭ ھاياتى پائالىيەت تارىخىنى ۋە تەلىماتلىرىنى بۇزۇپ كۆرسەتتى ۋە بۇزۇپ كۆرسەتمەكتە. بەزى تارىخچىلار ئىبنىسىنانى ئەرەب مەدەنىيەت نامايەندىسىنىڭ دىئالىس سۇپى دەپ تەسۋىرلەشتىن بولسا، بەزىلەر ئەقلىي مۆجىزە سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئورۇنىدۇ. بەزى تارىخچىلار ئىبنىسىنانى تۈرلۈك ماختاشلارغا كۆمۈپ، ئەقلىي مۆجىزە دەپ تەرىپلەيدۇ. لېكىن بۇ ئۇلۇغ مەشھۇر ئالىم، پەيلاسوپ ئىبنىسىنانىڭ قانداق زېمىندا يېتىشىپ چىققانلىقىنى سۆزلەشنى ئېسىدىن چىقارغان. ئوتتۇرا ئاسىيە خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەتكە يېتەرلىك توغرا باھا بەرمەيدىغان بەزى تارىخچىلار «ئەلقانۇن»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا نېمە سەۋەپ بولغان، دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن بەزى ئاساسسىز دەلىللىرى ئۆزىنىڭ پاكىتىنى ۋە ئاساسسىزلىقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. پرىسلاۋۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گې گىنرىر «مېدىتسىنا تارىخىنىڭ ئاساسلىرى» (قازان مەتبەسى 1890-يىلى نەشىر قىلغان) دېگەن كىتابىدا ئەلقانۇننىڭ تەرتىپىنى ناھايىتى يۇقىرى ماختاپ «قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەلقانۇن بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ ۋە ئەلقانۇننىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ھەم شۇ نەرسە سەۋەپتۇر» دېگەن.
جاھان تىنچلىق كېڭىشىشىنىڭ قارارى بىلەن لىئۇناردۇ، داۋنىنچى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش يېغىندىا ئۇلۇغ ئالىم ئىبنى سىنانىڭ نامى كۆپ قېتىم قايتا-قايتا تىلغا ئېلىندى. لىئورناردۇ داۋىنچىنىڭ ئىبنىسىنانىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە بىلگەنلىكى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى. بىر-بىرىدىن نەچچە ئەسىرلەر يىراق تۇرغان بۇ ئىككى ئۇلۇغ زاتنىڭ بىر-بىرلىرىگە ئوخشاشلىقلىرى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ناھايىتى خاراكتېرلىكتۇر. چۈنكى، ئۇلار پەننىڭ مۇرەككەپ، مۇھىم مەسىلىلىرىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشتا ئىنسانىيەتكە ناھايىتى كۆپ ياردەم بەرگەنىدى. ئۇلۇغ ئىنسىكلوپىدىس ئالىم ئىبنىسىنا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش بۇ ئۇلۇغ ئەربابنىڭ قىياپىتىنى يېڭىچە يورۇتۇپ بەردى.
شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار روھىي ۋە مەنىۋى بايلىقىنى ئېچىپ بەردى. جاھان تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قارارىدا ئېيتىلغاندەك ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا زور خىزمەتلەرنى قىلدى. ئىبنىسىنا ھەققىدە خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردىن ئېيتىلىشىچە، ئىبنىسىنا ياشىنىپ سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقىنى سىزىپ بۇ ھەقتە ئۆزىگە مۇداپىئە قىلىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى قارا قىپتۇ ھەمدە 40 خىل دورا تەييارلاپتۇ، ئۇلارنى ئەڭ يېقىن سادىق، شاگرتلىرىغا تاپشۇرۇپتۇ ھەمدە شاگرتلىرىغا ئۆزىنىڭ نەپسى ئۈزۈلۈش، ئەجەل يېقىنلىشىش ئالدىدا بۇ دورىلارنى شاگرتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئېيتقان خاس تەرتىپ بىلەن ئىستېمال قىلدۇرۇشنى تاپشۇرۇپتۇ.
ئىبنىسىنانىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئەجەل يېقىنلاشقاندىن كېيىن، شاگىرتى ئۇستازىنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلىشقا باشلاپتۇ. دورىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۆجىزىلىك تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. ئىبنىسىنانىڭ بەدىنى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق تۈسىنى يوقىتىپ، ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ. 39 خىل دورا ئىشلىتىلىپ تۈگەپ ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل دورا ئىشلىتىلىشكە باشلاپتۇ. 40 خىل دورىنى ئىشلەتكەندە ئىبنىسىنا ياخشىلىنىپ، ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇش مەنزىرىسى شەكىللىنىپتۇ. بۇ ئەھۋال شاگىرتىنى گاڭگىرىتىپ قويغانلىقتىن، مۆجىزىلىك دورا سېلىنغان ئىدىشنى قولىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ ۋە ئىدىش يەرگە چۈشۈپ پارە-پارە بوۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىبنىسىنانىڭ كېسىلى شىپا تاپالماي، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ. ئىبنىسىنا ھاياتىنىڭ كېيىنكى 13 يىلىنى ئىراننىڭ ھەمران شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن 1037-يىلىنىڭ 18-ئىيۇلدا 58 يېشىدا ۋاپا بولغان.
ئالىم ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە بارلىق مال-مۈلكىنى كەمبەغەللەرگە ئۆلەشتۈرۈپ بەرگەن. ئۆزىگە قىلغانلارغا ئازادلىق بەرگەن ۋە ئۆلۈمى ئالدىدا ئەس-ھۇشى جايىدا بولۇپ تۆۋەندىكى بېيىتلارنى ئوقۇغان: بىز ئۆلىمىز ئۆزىمىز بىلەن بىر گىنا، نەرسىنى بىرگە ئېلىپ كېتىمىز ئۇ ھەم بولسا ھېچ بىر، نەرسە بىلمىدۇق دېگەن تۇيغۇدۇر. جاھاندا خەلقنىڭ ئىبنىسىنانىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشتى، جاھان تىنچلىق كېڭىشى ئىبنىسىنانىڭ ئۇلۇغ ئوبرازىنى ھەر قايسى مەملىكەتلەر، خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئوبرازى خاتىرىلەندى. ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەردە جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇنىڭغا ئەبەدىي ئۇلۇغ شان-شەرەپلەرنى بەردى.
(نەشرگە تەييارلىغۇچىلار: مۇھەممەت باقى ئالىم، ئابدۇخالىق مۇھەممەت باقى، مېھرىگۈل مۇھەممەت باقى)