1 . قۇۋۋەت رېتسىپى : خۇلىنجاندىن 30 گرام ، زەنجىۋىلدىن 30 گرام ، پىستە مېغىزىدىن 30 گرام ، قۇم شېكەردىن 90 گرام تالقانلاپ ، بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ . ياتار چاغدا بەش گرامدىن ئىچسە ،رېماتىزمغا پايدا قىلىدۇ.
2 . قىزىلگۈل يېغىنى تەييارلاش ئۇسۇلى : قىزىلگۈلدىن ئازراق ئېلىپ بوتۇلكىغا سېلىپ ، بىر كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ ، 2 – كۈنى ئۈستىگە كۈنجۈت يېغىنى قويۇپ ، گۈلنىڭ پۇرىقى ياغقا ئوبدان ئۆتۈشى ئۈچۈن شىشىنىڭ ئاغزىنى بېكىتىپ ، تاكى ياغ پىشقانغا قەدەر ئاپتاپلىق جايغا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ياسىمەن ، نەرگىس ، سوزاپ ، بابۇنە ۋە باشقا گۈللەردىن ياغ تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش.
3 . نېرۋا قوزغىلىشچانلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى داۋالاش چارىسى : بادرەنجىبۇيا ، سۇنبۇل ، جۇۋىنە ، ئارپا بەدىيان ، تەڭ مىقداردا ئېلىپ ، بىر قوشۇقنى بىر ئىستاكان قايناق سۇ دەملەپ ، ئىسسىق ھالدا بىراقلا ئىچىلىدۇ .
4 . كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش چارىسى : ئوسما ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ ، سۈرمىگە ئوخشاش قىلىپ كۆزگە تارتسا كۆزگە ئاق چۈشۈشدىن ساقلايدۇۋە چۈشكەن سۇنى تارقىتىدۇ.