ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
تېرە كىسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پەرۋىش تېخنىكىلىرى توغرىسىدا
2011-08-15 13:16:13     خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
دورا قايناتمىلىرى بىلەن يۇيۇشبۇ تېرە كىسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ،...

 

 دورا قايناتمىلىرى بىلەن يۇيۇش


بۇ تېرە كىسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ، يەرلىك ئۇرۇن ۋە پۈتۈن بەدەندىكى تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بۇلۇپ، بۇخىل ئۇسۇل تېرە زەئىمىلىرىنى، قاسراقلىرىنى چۈشۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش،تېرە يۈزىنى سىلىقلاش، قىچىشىشنى پەسەيتىش، زىيادە سەزگۈلۈك رىئاكسىيىسىنى ياندۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

.
1.1 . 
داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار


كېسەللىك ئۇرنىنى يۇيۇشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان داس، لۈڭگە قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ

.
1.2 . 
ئۇسۇل


تەييارلانغان دورا داسقا قۇيۇلۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بىمار يۇيۇنۇش ئۆيى ياكى كارۋات ئۈستىدە يۇيۇلىدۇ.يەنى داسنىڭ تېمپېراتۇرسى مۇۋاپىق بولغاندىن كىيىن مەخسۇس يۇيۇش ئۈچۈن تەييارلانغان لۈڭگە دورا قۇيۇلغان داسقا چىلىنىپ، لۈڭگىنى بەك چىڭ سىقىۋەتمەسلىك ئاساسىدا سۈيى ئېقىپ تۇرمىغان ھالەتتە يەرلىك ئۇرۇنغا قۇيۇپ 2 – 3 مىنۇت تۇرغۇزۇلۇپ، يەرلىك ئۇرۇن يۇيۇلىدۇ. ئەگەر بىمارنى ياتقۇزۇپ ياكى ئولتۇرغۇزۇپ يۇيشقا توغرا كەلگەندە، بىمارنى كىليونكىغا سېلىپ كىرلىكلەرنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، بىمارنىڭ كېيىم – كىچەكلىرىنى كىيگۈزۈپ ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرىلىدۇ، بۇيەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ تېمپىراتۇرسى مۇۋاپىق بۇلۇشى يەنى  CO 45 – 34  ئەتىراپىدا بۇلۇپ، ئىشىك دېرىزىلەرنى ھىم يېپىپ بىمارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرسىنى CO 22 – 20 ئەتىراپىدا  تەڭشەش لازىم.

 

2. دورا بىلەن مايلاش ئۇسۇلى 

بۇخىل ئۇسۇل قېلىنلاپ كەتكەن تېرە زەخمىلىرىنى نىپىزلىتىش، قاسراقلارنى يۇمشۇتۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يەرلىك ئۇرۇننى سىلىقلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قىزىللىقنى، بەرەس ( ئاق كىسەل كېسەللىكىدە يەرلىك ئۇرۇندا سۇ قاپارتمىسى پەيدا قىلىش، خال شەكىللەندۈرۈش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ. مەشغۇلاتتا مەخسۇس تەييارلانغان دورا، بىر دانە بۆرەكچىسىمان قاچا، پاختا، بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان پەلەي، شىپاتىل، بىنىت قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا، ئالدى بىلەن بىمارغا مايلاش مەخسىتى چۈشەندۈرۈلۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن كارىۋات يېنىدا ياكى مايلاش ئۆيىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ ( ئەگەر كارىۋات ئۈستىدە مايلاشقا توغرا كەلسە كىليونكا سېلىش لازىم ). كېرەكلىك بويۇملارنى تەييارلاپ، بىمارنىڭ يېنىغا قويۇپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ھىم ئىتىپ، بىمارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مايلايدىغان ئورۇننى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن يەرلىك ئورۇننىڭ تازىلىقى تەكشۈرۈلۈپ، ئەگەر قاسراقلار بار بولسا تازىلانغاندىن كىيىن دورا سۈرتۈلىدۇ. تەييارلانغان دورا شىپاتىل ياكى نېپىز تاختا پەلكۈچ بىلەن يەرلىك ئورۇنغا تەكشى ھەم نېپىز قىلىپ سۈرتىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا بىنىت بىلەن تېڭىپ قويىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بىمارنى مايلىغاندا ئۆي ئىسسىق بولۇش، بىمارنىڭ زۇكامداپ قېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش، بولۇپمۇ تەڭگە تەمرەتكە كېسەللىكلىرىدە ئاسان زۇكامداش ئەھۋاللىرى كۈرىلىشتىن ساقلىنىش، ئۆينىڭ تىمپىراتۇرىسىنى CO 22 – 20 ئەتراپىدا تەڭشەپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، ھەر قېتىملىق مايلاشتىن بورۇن ئىلگىرى سۈرتۈلگەن دورىلارنى ئەرىقى گۈل ياكى تەييارلانغان يويۇش دورىسى ۋە ياكى % 0.9 لىك ناترى خىلور (تۇز سۈيى) بىلەن يۇيۇپ يەرلىك ئورۇننى پاكىزلىغاندىن كىيىن مايلاش، بىمارنىڭ كىيىم - كېچەك تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، كىيىملەرنى 3-  كۈندە بىر قېتىم قايناقسۇغا بېسىپ دېزىنفىكسىيە قىلغاندىن كىيىن كىيىشكە رۇخسەت قىلىش، بىمار غىدىقلىغۇچى سۈنئى تالالىق كىيىملەرنى كىيگۈزمەي، شارائىتى يار بەرسە پاختا رەخىتلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيگۈزۈش كىرەك.
 

   3. كۈن نۇرىغا قاقلاپ داۋالاش ئۇسۇلى 


 بۇ خىل ئۇسۇل كۈن نۇرىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن پايدىلىنىپ، بەدەننى قىززىتىپ، بەدەننىڭ ھارارىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، بەدەندىكى زىيادە ھۆللۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، يەرلىك ئورۇندىكى قىلقانتومۇرلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىدىكى قارا پىگمىنىت ھۈجەيرىسى ھاسىل بولۇشىنى تىزلىتىشتە قوللىنىلىدۇ. مەشغۇلاتتا، پاختا پالىكۇچ، دورا، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، فوندۇسكۇپ، خاتىرە دەپتەر قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. يەنى بىمارغا ئالدى بىلەن مەخسەت چۈشەندۈرۈلۈپ، بىمارنىڭ ماسلىشىشى قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن بىمارنى كۆپ غىزالىنىش، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىشكە بۇيرۇپ، ھاۋانىڭ تىمپىراتۇرىسى CO 30-25 ئەتراپىدا بولغان شارائىتتا بىمارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا دورا سۈرتۈپ، چۈشتىن بورۇن سائەت11دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 3كىچە يەرلىك ئورۇننى ئاپتاپقا قاقلاپ (ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتىنى بىمارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ بىكىتسە بولىدۇ)، تاكى يەرلىك ئورۇننىڭ رەڭگى قىزارغىچە داۋاملاشتۇرىلىدۇ.

بۇيەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، قاقلاش جەريانىدا بىمارغا ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشتىن، يەرلىك ئورۇننىڭ كۆيۈپ زەخىملىنىپ قېلىشىنىڭ، بىمارنىڭ سۇسىزلىنىپ قېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈزۈلدۈرمەي قايناقسۇ ئىچكۈزۈش، بىمارنىڭ قان بېسىمىنى پات - پات ئۆلچەپ كۈزىتىپ تۇرۇش ۋە يۈرەك ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، بىمارنى ئاپتاپقا قاقلاشتىن بۇرۇن چوقۇم غىزالاندۇرۇش، مەشغۇلاتتىن كىيىن ۋە مەشغۇلات جەريانىدا بىمارنىڭ سوغۇق يىمەك - ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشىنى چەكلەش لازىم .

 

 4. ھورداش ماشىنىسى ئارقىلىق ھورداپ داۋالاش ئۇسۇلى

   بۇ خىل ئۇسۇل بەدەندىكى زىيادە ھۆللۈكنى يوقۇتۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، يەرلىك ئورۇندىكى ياللۇغنى، ھەرخىل تىرە كىسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ.مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتا ئالدى بىلەن بىمارلارغا داۋالاشنىڭ مەخسىتى چۈشەندۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلگەندىن ئاندىن يوقۇرى كالورىيىلىك، قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش بۇيرۇلۇپ، ھورداپ داۋالاش ئۆيىگە ئەكىرىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرىسى، يۈرەك ھەرىكىتى، قان بېسىمى ئۆلچىنىپ، ئەگەر نورمالسىز ئەھۋاللار كۈرۈلمىسە يەرلىك ئورۇن گۈل يېغى،گۈڭگۈرت سېرىقى، ۋازلىن، ئۇپا قاتارلىقلاردىن ياسالغان ياغ بىلەن مايلىنىپ، ھورداش ئۆيىگە ئەكىرىلىپ، تەييارلانغان دورىلار قاينىتىلىپ، بىمار ھوردىتىلىدۇ ( ھورداش ۋاقتىنى بىمارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىسە بولىدۇ).

بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، مەشغۇلات جەريانىدا بىماردىكى ئۆزگىرىشلەرنى دىققەت بىلەن كۈزىتش، قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش، بىمارنىڭ يېنىدىن قەتئى ئايرىلماسلىق، بىمارنىڭ كۈيۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھورداش ماشىنىسىنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، سۇسىزلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن پات-پات قايناقسۇ ئىچكۈزۈش،سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى بىرىشتىن قەتئى ساقلىنىش، سوغۇق تىگىپ قالماسلىق ئۈچۈن مەشغۇلات تۈگىگەندىن كىيىن بەدەننى چوڭ لۈڭگە بىلەن يۆگەش، تەرنى لۈڭگە بىلەن سۈرتۈش، يۇيىنىشتىن ساقلىنىش ( ئۇنداق بولمىغاندا داۋالاش ئۈنىمىگە تەسىر يىتىدۇ)، ھامىلدار ئاياللار، يوقۇرى قان بېسىمى بارلار، ھاراق ئىچكەنلەر ۋە ئەس- ھوشى ئۇچۇق ئەمەسلەرنى قەتئى ھورداش ماشىنىسىغا سالماسلىق لازىم .  


ئاپتۇرى : تېرەكىسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن تۇرسۇننىسا ئابدۇرازاق

  • مەنبە : خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پەرۋىش تېخنىكىسى   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ھۆل تەمرەتكەنىڭ پەرۋىش تەدبىرلىرى
  • كىيىنكى ئەسەر : ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرنىڭ كىلىش مەنبىيى
  • تۆۋەندىكى ئەسەرلەرگىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن :
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号