ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • يالپۇز
  • يالپۇز بىلەن پىننە(كۆرۈنۈشى جەھەتتە) بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ، ئۇنى پۇرىقى ۋە تەمىدىن بىلىش مۇمكىن . تەپسىلات »

  • بەللۇت

  • ئاقىر قەرھا

  • بادام يىغى

  • كەتىرا
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    يالپۇز
    2011-08-15 13:05:48     4تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    يالپۇز بىلەن پىننە(كۆرۈنۈشى جەھەتتە) بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ، ئۇنى پۇرىقى ۋە تەمىدىن بىلىش مۇمكىن .

    dohtur.com/uploadfile/2011/0321/20110321105426835.jpg">يالپۇزdohtur.com/uploadfile/2011/0321/20110321105426835.jpg" style="width: 400px; height: 400px; " />

    بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يالپۇز بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى يالپۇز ياكى پۇدىنە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    خېمىيىلىك تەركىبى: ھۆل يۇپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە بىر پىرسەنت، شېخى ۋە غولىنىڭ تەركىبىدە ئىككى پىرسەنت ئۇچۇچان ماي بار، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى %77-%78 گىچە ماننىتول، %8-%12گىچە مىنتون قاتارلىقلار؛

    دورىلىق تەسىرى: مىنتول باش ئاغرىقى ۋە نېرۋا ئاغرىقىنى توختىتىدۇ، بۇ تېرىگە ئىشلىتىلسە ، ئاۋال سۇغۇق سېزىم بېرىدۇ، كېيىن كۆيگەندەك سېزىم بېرىدۇ. ئىسپىرىتلىق ئىرىتمىسى چىرىشكە قارشى تۇرىدۇ.

    تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛
    خۇسۇسىيىتى:
    ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش ئاغرىق توختىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، زەھەر قايتۇرۇش؛

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:


    ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ئىشتىھاسىزلىق، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش، ئىسھال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشتىن باشقا ، يەنە يۈزدىكى سەپكۈنلەرنى يوقىتىش، مۈشۈك ، چايان قاتارلىقلار چىشلىگەن، چاققان جايلارنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەلتاشما، بۇرۇن ، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالارغا پەيدا بولغان قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

     

    يالپۇز تەركىبلىك بىر نەچچە ساددە رېتسىپ:


    1. يالپۇزنى داۋاملىق يەپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

     

    2. 10گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئىزىپ، يۈزىگە چاپسا ، يۈزدىكى داغنى ئالىدۇ.


    3. يەتتە گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئىزىپ سۈركىسە، مۈشۈك چىشلىگەن، چايان چاققان يەرلەرنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.


    4. 10گرام يالپۇزنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى تېمىتسا ، بۇرۇن، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالارغا چۈشكەن قۇرتنى يوقىتىدۇ ھەم قۇلاقنىڭ ئېغىرلىقىنى يوق قىلىدۇ.


    5. يەتتە گرام يالپۇز سۈيىنى ئەرقى گۇلاپ بىلەن قوشۇپ ئىچسە يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە نەپەس قىيىنلىشىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتلىرىدىن بولغان قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ.


    6. 10 گرام يالپۇز ئۇسارىسىنى ياكى ئۆزىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەم سېرىقئەتنىڭ يىرتىلىشىغىمۇ پايدا قىلىدۇ.


    7. بەش گرام يالپۇز سۈيىنى ئانار شەربىتى بىلەن  قوشۇپ ئىچسە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا پايدا قىلىدۇ.


    8. يالپۇز يۇپۇرمىقىنى داكىغا ئوراپ ، پەرجىگە ھۇمۇل قىلسا ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.


    9. يالپۇزنى ئىزىپ خېمىر قىلىپ، زەھەرلىك ھاشارات چاققان يەرگە چاپسا، زەھەرنى تارتىپ ئالىدۇ.


    10. يالپۇزنى يۇمشاق ئىزىپ، قۇرتلاپ كەتكەن ئورۇنغا قويسا ، قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
    11. يالپۇزدىن ئەرەق تارتىپ ئىچسە ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: 10-5گرام؛
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئىسسىقچان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.
    تۈزەتكۈچىسى: مېۋە سۇلىرى، سىركەنجىۋىل، ئۆپكە ئۈچۈن كەتىرا.
    ئورۇنباسارى: قەردمانە.
    پىششىق دورا ياسالمىسى: جاۋارىش پۇدىنە، ئەرقى پۇدىنە.
    خام دورىلار ئىلمىدىن.

  • مەنبە : 4تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يالپۇز   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : بەللۇت
  • كىيىنكى ئەسەر : «نىقرەس » كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى پەرۋىش قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم نوقتىلار
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号