دوختۇرلار بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ‹‹ئادەم بەدىنىدەمۇنداق بىر خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولىشى مەلۇم خىل ۋىتامىن ياكى باشقا ئامىللارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن ئەمەس ، بەلكى كۆپ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن . مەلۇم خىل ۋىتامىننىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېسەل پەيدا بولىدۇ ، دېيىش توغرا ئەمەس. ئەگەر سىز بىر خىل ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىغاندا ، مەلۇم خىل ئەكىس تەسىر پەيدا بولۇشى مۇمكىن›› .
دوختۇرلار يەنە مۇنداق مەسلىھەت بەردى : ‹‹ھەركۈنى ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىپ ، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ئىستېمالقىلىپ ، ئازراق پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ، تۇخۇم ، كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاساسەن تولۇقلىنىپ ، يېمەكلىك تەڭپۇڭلىشىدۇ›› .