دائىم تۈنەيدىغان يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى دورا ئىچىپ تۇرسىمۇ، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش يەنىلا تەسكە توختايدۇ.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن يۇقىرى قان بېسىمى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مۇناسىۋەت بار ئىكەن. تۇرمۇشتا بېسىمغا كۆپ ئۇچرايدىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلار ئارىسىدا، ھەر كۈنى كەچتىكى ئوتتۇرىچە ئۇيقۇسى ئالتە سائەتكە يەتمەيدىغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئۇيقۇسى يېتەرلىك كىشىلەرنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدىكەن.