
1. كېچىدە چۈش كۆرۈپ، سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن چۈشىنى ئېنىق ئەسلىيەلىسە، نېرۋا ئاجىزلىق ياكى بەدەن زەيىپلىشىش كېسىلى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
2. چۈشىدە ئىككى پۇتى ياكى بىر پۇتى تاشقا باغلىنىپ قالغاندەك ئېغىر بولۇپ، ماڭالماي قالسا، پۇتىداكېسەل پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
3. چۈشىدە دائىم كىچىك تەرەت قىستاپ، ھاجەتخانا تاپالماي ياكى دائىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ چۈشىسە، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا كېسەل پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
4. چۈشىدە دائىم بۇزۇلۇپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېگىنىنى كۆرۈپ، ئويغانغاندا ئاغزى بەتتام بولسا ياكى چۈشىدە قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كەتسە ۋە ياكى قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتسە، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدا كېسەل بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
5. چۈشىدە دائىم كەينىدىن بىرسىنىڭ تەپكەنلىكى ياكى پىچاق سالغانلىقىنى چۈشەپ، چۆچۈپ ئويغىنىپ، ئويغانغاندىمۇ چۈشىدە تەپكەن ياكى پىچاق سالغان يېرىدە ئاغرىق ھېس قىلسا، بېلىدەياكى بۆرىكىدە يوشۇرۇن كېسەل بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
6. چۈشىدە دائىم كۆكتە پەرۋاز قىلىپ يۈرسە، چىرايى بەت – بەشىرە بولسا، قان ئايلىنىش سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
7. چۈشىدە دائىم سۇ كېچىپ يۈرسە ياكى دائىم سۇ بىلەن ھەپىلەشسە ۋە ياكى كەلكۈندە چۈكۈپ كېتىپچۈشىسە، ئۆتتە مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
8 . چۈشىدە دائىم ئوت كۆرسە، ئوت بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرسە ياكى ئوت ئىچىدە قېلىپ چۈشىسە، بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
9. چۈشىدە دائىم باشقىلار تەرىپىدىن قاراڭغۇ ئۆيگە قاماپ قويۇلغانلىقىنى كۆرسە، نەپەسلىنىشتىن قىينالسا ياكى دائىم كۆكرەك قىسمىنىڭ بېسىلىپ قالغانلىقىنى، ئېغىر يۈك بىلەن سەپەرگە ماڭغانلىقىنى كۆرسە، نەپەس يولى ياكى ئۆپكىسىدە كېسەل پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
10. چۈشىدە دائىم ئېگىز يەردىن يىقىلىپچۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئەمما يەرگە چۈشمەيلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسە، يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
11. چۈشىدە دائىم بەدىنىنىڭ قىڭغىر – قىيسىق بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى بۇرۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دىمى سىقىلغاندەك ھېس قىلىپ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
12. چۈشىدە دائىم بىرسى كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەپ، ۋارقىراي دېسىمۇ ئاۋازى چىقمىسا، يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيەسىگە قانيېتىشمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
13. چۈشىدە دائىم كانىيىنى بىرسىنىڭبوغقانلىقىنى ياكى گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغانلىقىنى، گېلىغا بىر نەرسە سانجىلغانلىقىنى چۈشىسە، كېكىردەك قىسمىدا مەسىلەكۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.
14. چۈشىدە دائىم قۇلاق تۈۋىدە كاناي ئاۋازى ئاڭلانسا ياكى بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئوق ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشىسە، مېڭىسىدە مەسىلەكۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
15. چۈشىدە دائىم بېشىغا ئادەم ياكى غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئۇرغانلىقىنى كۆرسە ياكى بىر نەرسە كولاۋاتقانلىقىنى كۆرسە، مېڭىسىدە ئۆسمە پەيدا بولغانلىقى ياكى نېرۋا سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.
مۇنىرە مەسغۇت تەرجىمىسى
چۈشىدە دائىم قۇلاق تۈۋىدە كاناي ئاۋازى ئاڭلانسا ياكى بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئوق ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشىسە، مېڭىسىدە مەسىلەكۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
15. چۈشىدە دائىم بېشىغا ئادەم ياكى غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئۇرغانلىقىنى كۆرسە ياكى بىر نەرسە كولاۋاتقانلىقىنى كۆرسە، مېڭىسىدە ئۆسمە پەيدا بولغانلىقى ياكى نېرۋا سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.
مۇنىرە مەسغۇت تەرجىمىسى