ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسە ، قان تومۇرى ئاسان زەھەرلىنىدۇ
2011-08-24 11:42:29     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
تاماكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قان تومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ .

 

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە ، تاجىسىمانيۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

   ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشەسەل قارايدۇ . مېڭە قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ؛ تۆۋەنكى مۈچ قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ

 . نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ  ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ .

 ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا ، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

‹‹ پايدىلىنىش›› تىن ئېلىندى

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تاماكا   |   قان تومۇر زەھەرلىنىش   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى
  • كىيىنكى ئەسەر : قەيسەر ئەرلەر كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدىكە
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号