لېكىن ئۇزاق مۇددەتكىچە تۇز ئىستېمال قىلمىغاندا ، ئورگانىزمدىكى ھۈجەيرىلەر تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ، ھۈجەيرىگە سۇ يىغىلىپ ، مېڭە سۇلۇق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ ، يېنىكرەك بولغاندا ئاڭ توسالغۇسى ، جۈملىدىن ئۇيقۇسىراش ، چارچاش ، گاڭگىراش ، ئېغىرراق بولغاندا ، ھوشسىزلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ .
ئادەتتە تۇزنى كۈندە ئالتە گىرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق.