ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
يالتىراق داستىخاننى ئاز ئىشلىتىش كېرەك
2011-08-23 13:17:13     شىنجاڭ گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
ھەرخىل ماتېرىياللىق داستىخانلارنى قانداق تاللىغاندا بىخەتەر بولىدۇ؟

 

   ھازىر ئاساسلىقى رەخت ماتېرىياللىق، يالتىراق ماتېرىياللىق، پىلاستىك ماتېرىياللىق داستىخانلار بازاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. يالتىراق، پىلاستىك داستىخانلار سۇ، ماي ئۆتكۈزمەسلىك ئۈنۈمى ياخشى، سۈرتۈشكە قولايلىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يالتىراق، پىلاستىك داستىخانلارنىڭ ماتېرىيالىدا پولىۋىنىل خىلورىد(pvc) بولۇپ، زەھەرسىز بولسىمۇ، ئەمما ئىسسىققا يولۇققاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ۋىنىل خىلورىد زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئۇ جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەگەر ۋىنىل خىلورىدقا پىلاستىكلاشتۇرغۇچ، شۇنداقلا قوغۇشۇن، خىروم تەركىبلىك ئېغىر مېتاللار قوشۇلسا، ئاسانلا يۇقىرى ھارارەتلىك يېمەكلىكلەردىكى ياغغا ۋە قولدىكىتەرگە سۈمۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن. ھەرخىل رەڭلىك داستىخانلارغا بۇياق ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، رەڭگى ئۆڭۈپ يېمەكلىكلەرگە ئارىلىشىپ كەتسە، بۇمۇ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن.

شۇڭا، يالتىراق ماتېرىياللىق داستىخانلارنى ئىشلەتمەسلىك، ئەگەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، چوقۇم داستىخاننىڭماتېرىيالىغا دىققەت قىلىش، پولىستىرېن تەركىبلىكىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك ئىكەن، پولىپىروپېن ماتېرىياللىق داستىخاننى تاللىغاندا بىرقەدەر بىخەتەر بولىدىكەن. سېلىشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەبىئىي رەخت ماتېرىيالىدىن ئىشلەنگەن داستىخان تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپ، ھېچقانداق خىمىيەۋى تەركىب يوق ئىكەن، يۇيۇشقىمۇ قولايلىق بولىدىكەن.

   ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، داستىخاننى ئىشلەتكەندە يېمەكلىكنى، بولۇپمۇ يۇقىرى ھارارەتلىك، يۇقىرى ياغ تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر داستىخانغا بىۋاسىتە قويماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر داستىخان قېتىشىۋالسا ياكى يىرتىلىپ كەتسە،قايتا ئىشلەتمەسلىك، تاماق شىرەسىگە ياخشىسى داستىخان سالماسلىق كېرەك ئىكەن. تاماق شىرەسىگە دائىم يېمەكلىك قالدۇقلىرى چۈشۈپ قالىدىغان بولغاچقا، سۈرتۈۋېتىش ئارقىلىقلا ئۇنى تەلتۆكۈس پاكىزلىغىلى بولمايدىكەن.

ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇنىڭدا ئاسانلا باكتېرىيە، زەھەرلىكزەمبۇرۇغلار پەيدا بولۇپ، يېمەكلىك، قول، قاچا – قۇچىلار مىكروبلىنىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەگەر تاماق شىرەسىنىڭ كۆيۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەك، ئىسسىق ئۆتكۈزمەس تەگلىك ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئىكەن، يەنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە ئوتقا چىداملىق گىرانىت تاش ماتېرىياللار، ھەمئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنغان ياغاچ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن.

ھاكىمجان ئابدۇكېرەم تەييارلىغان

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يالتىراق داستىخان   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتىكى سىرى
  • كىيىنكى ئەسەر : چىش زەخمىلەنسە چاينى چايناڭ
  • تۆۋەندىكى ئەسەرلەرگىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن :
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号