ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • ھاراق ئىچىشتىكى ئون چوڭ خاتا قاراش
  • مۇتەخەسىسلەر ھاراق ئىچىشتىكى نۇرغۇن خاتا قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارىغۇلارچە باشقىلارغا ئەگەشمەسلىكنى ئەسكەرتتى. تەپسىلات »

  • تېلېۋىزور كۆرگە...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    مەست بولغاندا تۆۋەندىكى توققۇز ئەزا زىيانغا ئۇچرايدۇ
    2011-08-24 11:38:06     ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    نۇرغۇن كىشى بىرەر قېتىم مەست بولۇپ قالغانغا نېمە بوپتۇ ، ھاراقنى كۈندە ئىچمىسەم دەپ قارايدۇ ، ئەمما مەست بولغاندا تۆۋەندىكى توققۇز ئەزايىڭىزنىڭ زىيانغائۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟

     

       بۆرەك . ھاراق سۈيدۈك توختىتىش ھورمونىنىڭ ئاجرىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ سۇنى قايتا سۈمۈرۈشى تەسىرگە ئۇچراپ ، بەدەننىڭ ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە باش ئاغرىش ، كۆڭلى ئاينىش ، باش قېيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .

       كۆكرەك . ئىسپىرت ئانىلىق ھورمۇننى غىدىقلاپ ، ئەرلەرنىڭ كۆكرىكىنىڭ يوغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئەرلەرنىڭ كۆكرەك راكىغا گرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

       ئاشقازان . ئىسپىرت ئاشقازان كىسلاتاسىنىكۆپەيتىپ ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ ، شىللىق پەردە سۇلۇق ئىششىقى ، جاراھەتلىنىش ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

       ئاشقازان ئاستى بېزىئىسپىرت جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، يەنە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە تەسىر قىلىپ ، ئاز مىقداردىكى ئىسپىرتمۇ ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

      جىگەر . ئىسپىرت جىگەرنىڭ ماي بىلەن قاپلىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، ئاستا - ئاستا جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، قىزىتما ياندۇرىدىغان ۋە بەدەندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنىئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك ، چۈنكى دورا ئىسپىرت بىلەن بىرىككەندە جىگەرگە تېخىمۇ زىيانلىق.

       چوڭ مېڭە . ئىسپىرت مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى رەخىملەندۈرىدۇ ، تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، ھاراق ئىچىپ ئالتە مىنۇتتىن كېيىن نېرۋا ھۈجەيرىلىرى زەخىملىنىدىكەن . ئۇزاق مەزگىل ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىكەن.

       يۈرەك . ئىسپىرت يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . دائىم ھاراق ئىچىدىغانلاردا يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش ، يۈرەك مۇسكۇللىرى چارچاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

       قان بېسىم . ئىسىپرت قان بېسىمنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ . تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، ئازراق ئىچكەن ھاراقمۇ قان بېسىمنى يۇقىرىلىتىپ ، يۈرەك– مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، يۈرەك كېسەللىكى ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

       سۆڭەك . ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە بەدەندىكى كالتىسىينىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ، سۆڭەك ئاسان سۇنۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، مۇۋاپىق مىقداردىكى پىۋا ۋە ئۈزۈم ھارىقى سۆڭەكنى چىڭىتىدىكەن.

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مەست بولۇش   |   توققۇز ئەزا   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئەرلەر ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلار
  • كىيىنكى ئەسەر : ئەرلەر ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号