ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
ئائىلىلەردە شويلانىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
2011-08-15 18:39:39     ئاشپەز تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
ئائىلىلەردە شويلىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى

 

 

ئائىلىلەردە شويلىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى

كېرەكلىك ماتېرىياللار : گۈرۈچ ، زىرە ،گۆش ،زەنجىۋىل سۈيى ، ئۆسۈملۈك مېيى ،كاۋاۋىچىن، سەۋزە، يۇمغاق سۈت ، پەمىدۇر ،تۇز ( بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەييارلىنىدۇ)

ئېتىلىش ئۇسۇلى: گۆشنى ئىككى سانتېمىتىر چوڭلۇقتا، سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىمىز، پىيازنى يالپاقلاپ توغرايمىز، پەمىدۇر چوڭ-چوڭ پارچىلىنىپ توغرىلىدۇ، گۈرۈچ ئىسىق سۇدا ئىككى - ئۈچ قېتىم يۇيىلىدۇ.

قازانغا ماينى قۇيۇپ قىزىتىپ ، ماي چۈچىگەندە، گۆشنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇيمىز، كېيىن پىيازنىسېلىپ سارغايتىپ، پەمىدۇرنى، سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز، زىرە ۋە كاۋاۋىچىن سۈيىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن ، گۈرۈچنى سېلىپ تېز-تېز ئارىلاشتۇرۇپ  پىشۇرىمىز. ئەگەر سۇ يېتىشمىسە يەنە قايناق سۇ قۇيۇشقا بولىدۇ، ( قازان قايناۋاتقاندا ئوتنى بەك كۈچلۈك قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.

شويلىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئېھتنياجىيا ئاساسەن سۈيىنى كۆپ ياكى ئاز قۇيۇمىز) ئاشنىڭ سۈيى تۈگەپ گۈرۈچمۇ پىشقاندا، ئۈستىگە توغراپ تەييارلانغان يۇمغاقسۈتنى سالىمىز، ئاندىن قاچىغا ئۇسۇيمىز.

شويلا ئاش يۇمشاق ، يېيىشلىك بولۇپ، ياشانغانلار ، بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا  بەكمۇ ماس كېلىدۇ.

 

مۇنازىرە مەنزىلى:

dohtur.com/munber/forum.php?mod=viewthread&tid=414&extra=">http://www.dohtur.com/munber/forum.php?mod=viewthread&tid=414&extra=

  • مەنبە : ئاشپەز تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : شويلا   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرى
  • كىيىنكى ئەسەر : ئىستېمالچىلار ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ۋە ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋالغاندا ئۈچ ئ
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号