كايت ۋىنسلىت ( ‹‹ تىتانىك ›› فىلىمىدىكى ئايال باش رولچى)
مۇكەممەللىك دېگەن نېمە؟ دۇنيادا مۇكەممەل شەيئىي بولمايدۇ، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ ئۆزىڭىزدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرمەڭ. ياش ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر نۇقتا تولىمۇ مۇھىم ، ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئۆزىگە بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى . ئەمەلىيەتتە ژورنال مۇقاۋىسىدىكى ئايال مودىل ياكى ئارتىسلارغا ناھايىتى ئۇزۇن گىرىم قىلىنىدۇ، چاچلىرىنى كەسپىي ساتىراش ئۇستىلىرى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ياسايدۇ. بىز دائىم قورسىقىمىزنى ئىچىمىزگە تارتىمىز، بېشىمىزنى مەلۇم ئېگىزلىك ۋە نۇقتىدا تۇتىمىز، بۇنىڭ بىلەن ئېڭەك ئاستىدىكى گۆش ۋە يۈزىمىزدىكى قورۇقلار ئاسانلىقچە كۆرۈنمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ بىچارە ياشلىرىمىز ژورناللارنى بەس - بەستە سېتىۋېلىشىپ، كۆڭلىدە‹‹ ۋاھ، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئانچە پەرقلەنمەمدىم نېمە ؟ ›› دەپ ئويلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى چوقۇنغۇچىسىنىڭ ئۇنچىلىك مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ.
‹‹ چىرايىم چولپانلارنىڭكىدەك بولسا دەيمەن ›› دېگەن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى مېنى چۆچۈتۈپ قويدى . پروگراممىدا بىر قىزچاقنىڭ ماڭا ئوخشاش چىرايغائىگە بولۇش ئۈچۈن ھۆسىن تۈزەتكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغانىدى . باشتا مەن بۇ قىزغا قىزىقىپ قېلىپ پروگراممىنى كۆرۈشكە باشلىدىم ، ئەمما بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يىغلاشقا باشلىدىم، چۈنكى بۇ قىز يېرىم ئاشقازىنىنى كەستۈرۈۋەتكەن ئىدى.مەن ئۇنىڭ قانچىلىك دەھشەت ئاغرىققا بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.
قىزچاق مېنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىمنى بىلمەيتتى. ئۇ مېنىڭكىدەك بىر جۈپ تولغان كۆكسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما بالا ئەمدۈرۈش ۋە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىدە بولىدىغان تەبىئىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى. قىزچاق مېنىڭ بارلىق مۇقاۋىلىق سۈرەتلىرىمنى يىغىپتۇ، مەن رول ئالغان بارلىق فىلىملەرنى كۆرۈپتۇ، ئۇ پەقەت قارىماققا ماڭا ئوخشاش بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىندىم، ئۇ ژورنال ۋە كىنولاردىكى مۇكەممەل تۇرقۇم تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغان ئىدى.
ئەگەر بىر قاراشتا ماڭا ئوخشاپ قالىدىغان شۇ قىز مېنىڭ تۇرار جايىمغا كەلگەن بولسا، مەن ئۆز ھىسياتىمنى سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىم. مەن ئۇنىڭغا ‹‹ جايىڭىزدا جىم تۇرۇڭ ›› دەيتتىم ۋە كىيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ ‹‹ مانا بۇ مېنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىم، مېنىڭ كاسسام، مېنىڭ كۆكسۈم تولغان ئەمەس ، قورساقلىرىمۇ تۈپتۈز ئەمەس . ئەكسىچە ھەممىلا يېرىمدە ئارتۇقچە مايلار بار ›› دەيتتىم . راست ، مەن باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىدىغان گۈزەل چولپان ئەمەس ، مۇكەممەل چىرايلىق بەدىنىممۇ بولغان ئەمەس. مەنتولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنمەن، چۈنكى مەن ھازىر تولۇق پىشىپ يېتىلدىم، ئۆزۈمنى قانداق تۇتۇۋېلىشنى بىلىمەن. مەنمۇ روھىي ۋە كەيپىياتى تۇراقسىز ياشلىق دەۋرىمنى ئۆتكۈزگەن، قىزلار مۇھەببەتكەئېرىشىش ئۈچۈن ۋە ياكى بىرەر ئەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تەڭداشسىز گۈزەل بولۇشنىلا ئويلايدۇ مانا بۇ ياشلاردىكى ھەقىقىي بەخىتسىزلىك ، بۇ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ.
ياش قىز - ئاياللارغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇكى ، سىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا رەھىمسىزلىك قىلماڭلار، مەلۇم مۇددىئاغا يېتىش ئۈچۈن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇۋالماڭلار. مەن ئەزەلدىن كىنو چولپىنى بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان، مەن پەقەت رول ئېلىىشنىلا ئويلىغان، پەقەت ئۆزۈم سۆيىدىغان خىزمەتنى قىلىشنىلا ئويلىغان، ھازىرمۇ ھەم شۇلارنى قىلىۋاتىمەن، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. مەن ئۆز مۇددىئايىم ئۈچۈن قورسىقىمنى ئاچ قويۇشنى خالىمايمەن، مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم.
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدىن خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى