ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
بوۋاقلارنىمۇ ئويلايلى
2011-08-24 09:18:28     شىنجاڭ گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
ھاياتىدا سەككىز – ئون بالىنى قاتارغا قوشقان ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ‹‹بالامنى باقالمايۋاتىمەن››دېيىشلىرىدىن زارلىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. چوڭلار بالىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرمەي، سۇدا ئاقتۇرماي، بىرىنى قۇچىقىدا، بىرىنى ئۆشنىسىدە كۆتۈرۈپ چوڭ قىلغانلىقىنى سۆزلىسە، ‹‹زامان شۇنداق – تە››دەپلا قويىمىز.

 

نۇرىمانگۈل ئىدىرىس

شۇنداق، زامان ئۆزگەردى. بىراق، مەيلى قايسى دەۋر، قانداق شارائىت بولسۇن، ئاتا ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى بېقىش بېقىلىش مۇناسىۋىتى ۋە بېغىشلىنىدىغان مېھىر مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ!

 

ھازىرقى خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرغاننىڭ ئۈستىگە، كۈندىن كۈنگە تېزلىشىۋاتقان تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىش تەقەززاسى، كىشىلىك تۇرمۇش قاينىمىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەت تورىنىڭ زىچلىشىشى كىشىلەرنىڭ ئۆزى، ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىنى قىسقارتىۋەتتى.

بۇ رېئاللىق. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، تۇرمۇش قىسىلچاقلىرىدا قىينىلىۋاتقان، خىزمەت بىلەن بالىنىڭ قايسىسىنى تاللاش ئاچىلىدا تەمتىرەۋاتقانلار خېلى كۆپ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بوۋاقلىرىمىزنىڭ ‹‹چىقىش يولى››نەدە؟

 

مېنىڭچە، مۇھىمى بوۋاقلارنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى مۇنتىزىم ۋە ئەتراپلىق بېقىلىش، تەربىيەلىنىش مۇھىتىنىڭ ھازىرلىنىشى تولىمۇ مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئائىلە مائارىپىنىڭ ئورنى ئېتىبارغا ئېلىنىشى ۋە بالىغا نىسبەتەن دەسلەپكى تەربىيە ئۇسۇلى، ئۇنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش زۆرۈر.

ئائىلە ئاياللىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن بېقىش ۋە تەربىيەلىشى ۋاقىت ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئەمما، ئۇلاردا تولۇقلاش زۆرۈر بولغىنى ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە كېرەكلىك ھەر تەرەپلىمە ساپا. خىزمەتتىكى ئاياللارغا نىسبەتەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۇغۇت مەزگىلىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتى بالا بېقىشتىكى دەسلەپكى زۆرۈر تەربىيەنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋېلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئانىلارنىڭ خىزمەت ۋە باشقا پائالىيەتلەرنىڭ جىددىي قاينىمىغا چۆكۈشى بىلەن، بۇ ئىمكانىيەت ئىزچىللىققا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان قىلىش، خىزمەت نورمىسىنى يەڭگىللىتىش ۋە تەڭشەش... قاتارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈملۈك چارە بولۇشى مۇمكىن.

چۈنكى، بوۋاقلىقىدىن ياخشى بېقىلىش، سۈپەتلىك تەربىيەلىنشكە موھتاج بولۇۋاتقان بالىلار ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئەتىسى، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى. شۇڭا، ئاتا ئانا بولغۇچىلارنىڭ ساپاسى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بەزى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئادەمنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، بوۋاقلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تامامەن پايدىلىق شارائىت ياراتقىلى بولاتتى.

 

ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپىدە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشمۇ بىۋاسىتە ئانىلارنىڭ قولىدا بېقىلىش، تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بوۋاقلار ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم چىقىش يولى. ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى ئاساسەن تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرنى توشۇش، يەتكۈزۈش، ياساش، رېمونت قىلىش، تازىلاش قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ.

 بالا باققۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش يەنىلا بىر بوشلۇق بولۇپ، بالا بېقىش ئېڭىمىزدا تېخى مۇنتىزىم كەسىپ خاراكتېرىنى ئالغىنى يوق. ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك شىركەتلىرى مەخسۇس كەسىپ تونۇشتۇرۇش تۈرى دائىرىسىدە ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇش، ئاياللار تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا بېقىشنى خالايدىغانلارنى تاللاپ تەربىيەلەپ ئىشقا قويسا، بوۋاقلارنىڭ ساغلام، خاتىرجەم چوڭ بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ. بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

 

ھازىر جايلاردا ئومۇملىشىۋاتقان يەسلى مائارىپى بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىش ۋە تەربىيەلىنىش ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. بىراق، بۇ مائارىپنىڭ تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلار.

 بەزىلەر ئۆزىنىڭ شەرت شارائىتىغا يارىشا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بوۋاقلار ئۈچۈن ئائىلىۋى يەسلىلەرنى قۇرغان بولسىمۇ، بۇنداق ئورۇنلارنىڭ كۆپ بولماسلىقى، تولۇق قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىك، ئاھالىلەر رايونى بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، بېقىش تەربىيەلىنىش شارائىتىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىكىگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا بوۋاقلارنى بېقىش مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، يەرلىك ئورۇنلار بۇنداق كەسىپ تۈرلىرىنى قوللىشى، باشقۇرۇشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىقتىساد، مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەدەت بېرىشى لازىم.

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بوۋاق   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : بوۋاقلارنىمۇ ئويلايلى
  • كىيىنكى ئەسەر : بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمىشقا ئاستا بولىدۇ ؟
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号