ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، زۇكامنى پەيدا قىلىدىغان ۋىروسلار 200 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %50 ى بۇرۇن ۋىروسى ئىكەن. بۇ خىل ۋىروسنىڭ كۈز پەسلىدە تارقىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ ، ئۇ لۆڭگىدە بىر سائەت، قولنىڭ ئالقىنىدا 70 سائەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىكەن.
بالىلارنىڭ ئىممونىتىت كۈچى ئاجىز بولغاچقا ئاساسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا كۈز پەسلىدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
* ھاۋا سوۋۇۋاتقان ۋاقىتتا ئاتا- ئانىلار بالىلارنى زىيادە قېلىن كىيىندۈرۋەتمەسلىكى كېرەك.
* ھاۋا ئىسسىشقا باشلىغان مەزگىلدە ئالدىراپ بالىلارنى نېپىز كىيىندۈرمەسلىك كېرەك.
*بالىلارنى سوغوققا چىداملىق قىلىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. بەزى ئاتا- ئانىلار سوغوق چۈشۈشى بىلەن تەڭلا بالىلىرىنىڭ توڭلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى سىرتقا چىقارمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىلار ئۇزاق مەزگىلگىچە سىرتتىكى ھاۋا بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ-دە، ئاسان زۇكامداپ قالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، بالىلار زۇكامداپ قالغاندا ئاتا- ئانىلار تۆۋەندىكىدەك خاتا ئۇسوللارنى قوللىنىدىكەن:
بالىلار قىزىغان ھامان قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بېرىش. بۇنداق قىلغاندا بالىلاردا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن . شۇڭا ، قىزىتمىنى ئاستا - ئاستا قايتۇرۇپ ، يوقىرى تېمپېراتورىنى كونتورول قىلىش كېرەك.
يوتقانغا چۈمكەپ قويۇپ تەرلىتىش. بالىلارنى چوڭلارغا ئوخشاش يوتقانغا چۈمكەپ تەرلەتكەندە، ، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتورىدسى تۆۋەنلەپ كېتىش، ھەتتا بەزىدە بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.شۇڭا ، بۇنداق ئەھۋالدا لالىلارنى نېپىز كىيىندۈرۈش، قېلىن يۆگىمەسلىك كېرەك.
ئاتا- ئانىلار يوقىرقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتورىسىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر تېمپېراتورىسى 38.5 سېلسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر 38.5 سېلسىيە گىرادوستىن تۆۋەن بولسا بالىغا دورا يىگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. كۆپرەك قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ، ياخشى ئارام ئالدۇرسا ساقىيىپ كېتىدۇ.