ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • ئىسسىق كۈنلەردە يېمەك – ئىچم...
  • ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي كېسەللەرنى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىرا... تەپسىلات »

  • مېڭىگە قان چۈشۈ...

  • ھاۋا كىلىماتىنى...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    يېمەكلىكلەردىكى تەم بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ مۇناسىۋىتى
    2011-08-24 08:23:26     شىنجاڭ گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    يېمەكلىكنىڭ تەمى يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى، يېڭىلىق دەرىجىسى، تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە تەم خۇرۇجلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاندىنسىرت، يەنە يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بىراق كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ ياكى ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇ

     مەسغۇت خەسەنى

    ئەمما، ئالىي دەرىجىلىق ئاشپەزلەر بۇ نۇقتىغا سەل قارىمايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق تېمپېراتۇرىدا يېمەكلىكنىڭ تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ بۇ، ئەلۋەتتە، يېمەكلىكنىڭ يېيىلگەن پەسلى ۋە يېمەكلىكنىڭ تۈرىگە باغلىق بولىدۇ.

       تەتقىقاتچىلارنىڭ يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن تەمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭنەتىجىسىگە قارىغاندا، ئوخشاش بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئېغىزغا سالغاندىكى تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىسا، ئادەمگە بېرىدىغان تەم تۇيغۇسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.

    ئوزۇقشۇناسلار، ئادەتتە، يېمەكلىكنىڭ تەمى بىلەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، يېمەكلىكلەرنى سوغۇق يېمەكلىك ۋە ئىسسىق يېمەكلىك، دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. سوغۇق يېمەكلىكلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئادەتتە، ئون گىرادۇس ئەتراپىدا، مۇزلىتىلغاندا نۆل گىرادۇس بىلەن ئالتە گىرادۇس ئارىلىقىدا تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنىڭتېمپېراتۇرىسى 12 گىرادۇس بىلەن 15 گىرادۇس ئارىلىقىدا بولغاندا، ھەم ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرىدۇ، ھەم ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. گازلىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەش گىرادۇس بولغاندا، سالقىنلىتىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، تاۋۇز سەككىز گىرادۇستا ھەم سوغۇق، ھەم تاتلىق تۇيۇلىدۇ.

       ئىسسىق يېمەكلىكلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئادەتتە، 60 گىرادۇس بىلەن 65 گىرادۇس ئارىلىقىدا بولغاندا، تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن: كالا سۈتى 65 گىرادۇستا ئىچىشلىك بولىدۇ. ھەسەلنى، ئادەتتە، تېمپېراتۇرىسى 65 گىرادۇستىن تۆۋەن ئىلمان قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ، بەك قىزىق قايناق سۇ ھەسەلنىڭ تەمىنى ئۆزگەرتىپ، چۈچۈمەللەشتۈرۈپ قويىدۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

       ئەلۋەتتە، يېمەكلىكنىڭ تەمى يەنە مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمالقىلغاندىمۇ مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇلار قازاندىن چىققاندا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئۇلارنى مۇۋاپىق سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلغاندا تەمى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تەم   |   تېمپىراتۇرا   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئاپتوموبىل گازىنىڭ زىيىنى زەھەردىن يامان ئىكەن
  • كىيىنكى ئەسەر : قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى ئۇسسۇلۇققا چەك قويماسلىقى كېرەك
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号