ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • كېچىسى قان بېسىمى ئۆرلەپ كېت...
  • مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كېچىسى قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىشكە ھەرگىز سەل قاراشقا بو... تەپسىلات »

  • كەچلىك تاماقتا ...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى بار
    2011-08-24 10:31:28     شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    بەزىلەر كۈندۈزى ھېرىپ – چارچاپ ئىشلىسىمۇ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېردا داۋاملىق خىزمەت قىلىدۇ، توردا پاراڭلىشىدۇ ۋە ياكى ئويۇن ئوينايدۇ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق.

        1 . ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ: نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، كەچتىكى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئەگەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلەتسە، كۆز ۋە نېرۋىلار غىدىقلىنىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم تولا چۈش كۆرۈپ، ياخشى ئارام ئالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ئىككى سائەت ئىچىدە كومپيۇتېر ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

        2 . راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ: كومپيۇتېر رادىياتسىيەسى بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەدەندىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىدۇ.

        3 . ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ: ئاياللار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلسا، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.

        4 . يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دائىم كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرسا، يۈرەك سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئاياللاردا يۈرەكنىڭ رىتىمى ئاستىلاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن كۆپ شۇغۇللانماسلىق كېرەك.

    مۇيەسسەر روزى تەرجىمىسى

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كومپىيوتېر   |   ئۇخلاشتىن بۇرۇن   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى بار
  • كىيىنكى ئەسەر : ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز...
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号