72 ى ياش ۋاقتىدا ياخشى تىرىشماي، كەسىپتە نەتىجە قازىنالمىغانلىقىدىن.
67 ى ياش ۋاقتىدا كەسىپنى خاتا تاللىغانلىقىدىن.
63 ى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلىيەلمىگەنلىكى ياكى ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدىن.
58 ى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا سەل قارىغانلىقىدىن.
56 ى جورىسىغا دېگەندەك سادىق بولمىغانلىقىدىن.
47 ى ئاتا - ئانىسىغا ئوبدان كۆيۈنمىگەنلىكىدىن.
41 ى جورىسىنى خاتا تاللاپ قالغانلىقىدىن.
36 ى دۇنيانى ساياھەت قىلالمىغانلىقىدىن.
32 ى ئۆمرىنى ئادەتتىكىچە ئۆتكۈزۈپ، ئادەمنى ھاياجانغا سالغىدەك ئىشلارنى قىلالمىغانلىقىدىن.
11 ى كۆپ پۇل تاپمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغان.
60 ياشلىقلار دائىم ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدۇ، ئۇلار ئۆزىگە بىر قەدەر ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا بېرەلەيدۇ. شۇڭا، ياشانغانلارنىڭ بۇ خىل باھاسى ئۇلارغا نىسبەتەن بىر خىل يەكۈن، ياشلارغا نىسبەتەن بىر خىل سەمىمىي مەسلىھەت بولالايدۇ. كېيىنكىلەر ئۇنى قەدىرلىشى، ئەستە ساقلىشى لازىم.
ياش دوستلار بۇنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەپسىلىي قاراپ چىقىشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ سەمىمىي مەسلىھەتلەر ياشانغانلارنىڭ ۋاقتى، ياشلىق باھارى ۋە بەختى، شۇنداقلا ئازاب - ئوقۇبەت، مەغلۇبىيەت، بەخىتسىزلىك قاتارلىقلارغا تۆلىگەن بەدىلىگە كەلگەن.