1.پەي تارتىشىشنىڭ بىر قىسمى پۇتتىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
2. ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە قان تومۇر توسۇلۇش ئېغىرلاشقاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ ، كۈندۈزدىمۇ پەي تارتىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ . ياشانغانلارنىڭ كالىتسىي سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم كالىتسىي تولۇقلاش لازىم.
3.قان تومۇردا ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق سەۋەبلىك پەي تارتىشقان بولسا ، ئۇ ھالدا كالىتسىي تولۇقلىسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ ، شۇڭا چوقۇم دورا ئارقىلىق داۋالىنىش لازىم.
4.دائىم پېيى تارتىشىپ قالىدىغان ياشانغانلار دائىم دورا ئىشلىتىپ تۇرۇشى ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا ، پۇتنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى ، پۇتتىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇتنى دائىم ئۇۋۇلاپ بېرىشى لازىم.
ئوزۇقلۇق جەھەتتە پۇرچاق يۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، بېلىق گۆشى ، شورپا قاتارلىق كالىتسىي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە ، كۆكتات ، مېۋە - چېۋىلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا ، پەي تارتىشىشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.