ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • جىياڭشىدىكى 4 ئاي چوڭلۇقتىكى ...
  • فۇجۇ شەھىرى لىنچۈەن رايونى چاڭكەي ناھىيىسىدىكى بىر 4 ئاي چوڭلۇقىدىكى بوۋاق بالىنىڭ ك... تەپسىلات »

  • چۇمېي قاتارلىق ...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ‹‹ يۇۋبىڭياڭفېن ›› تەركىبلىك دورىلار ئىشلىتىشتىن توختىتىلدى
    2011-08-15 12:27:17     ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    ئەكس تەسىرى نىسبەتەن كۈچلۈك ، كۆپ ئىستېمال قىلسا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقتىن ، تەركىبىدە ‹‹ يۇۋبىڭياڭفېن ››بولغان دورىلار مەملىكەت مىقياسىدا ئىشلىتىشتىن توختىتىلدى .

     

    دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ‹‹ بۇ يىل 31 - ئىيۇلدىن باشلاپ تەركبىدە ‹ يۇۋبىڭياڭفېن › بولغان دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ، سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىش ›› توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى . شەھىرىمىزدىكى دورا نازارەتچىلىك تارماقلىرى 31 - ئىيۇلدىن بۇرۇن بۇ خىل تەركىبلىك دورىلارنى بازاردىن چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ، بۈگۈندىن باشلاپ كۆپ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويدى .

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دورا نازارەت تارماقلىرى بۇنداق دورىلارنىڭ يۈرەككە ئېغىر ئەكس تەسىرى بولغاچقا بازاردىن چېكىندۈرۈلىدىغانلىقتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، تەۋەلىكىدىكى دورا كارخانىلىرى ۋە دورا بىخەتەرلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۈپىسىدىن پايدىلنىپ ، تەركىبىدە ‹‹ يۇۋبىڭياڭفېن ›› بولغان ‹‹ دانىڭ كاپسۇلى ›› ۋە بىڭياڭپىلىن كاپسۇلى ›› نىڭ قەيەرلەرگە  سېتىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ دورا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ بۇدورىنىڭ بازاردىن چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى .

    تەكشۈرۈش ئارقىلىق ‹‹ بىڭياڭپىلىن كاپسۇلى ›› نىڭ ئۈرۈمچىدە سېتىلمايدىغانلىقى ۋە ئىشلىتىمەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان . نۆۋەتتە ، ‹‹ دانىڭ كاپسۇلى ›› ئىشلەپچىقىرىدىغان  ئورۇن پائال تەدبىر قوللىنىپ بۇ دورىنى بازاردىن چېكىندۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋېتىپتۇ .

  • مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يۇۋبىڭياڭفېن   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : جىياڭشىدىكى 4 ئاي چوڭلۇقتىكى بوۋاق سۈت پاراشوكى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن »جىنسىي
  • كىيىنكى ئەسەر : ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىدە كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ ، پەن
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号