ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زەپەر ئابدۇرېھىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 2006 – يىلدىن 2010 – يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلۇش نىسبىتى مىڭدە %7.58 ، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى مىڭدە %4.25 ، سىياسەتكە ئۇيغۇن بولغان تۇغۇلۇش نىسبىتى مىڭدە %99.81 بولغان .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى رېن خۇا كۆچمە نوپۇسلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹شەھىرىمىز رەھبەرلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا شەھىرىمىزنىڭ كۆچمە نوپۇسلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم تەۋەلىرىدە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممە يەرنى قاپلاپ كېتەلمىگەنلىكىنى ، بىر قىسىم ئائىلىلەردە تۆت – بەش ھەتتا بەش – ئالتىگىچە پەرزەنتى بارلىقىنى بايقىغان ، شۇڭا كۆچمە نوپۇسلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشىئىشلەشكە ئۇزاققىچە كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۈر ›› .