ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • ياپونىيەدە يەنە قۇش زۇكىمى ي...
  • يانۋار ، ياپونىيە گوڭچى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بۇ ناھىيەنىڭ شىن فۇدىڭدىكى بىر توخۇ فېرمىسى... تەپسىلات »

  • يەتتە خىل نەپەس...

  • ھايتىدىكى خولىر...

  • دۇنيا سەھىيە تە...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ئالدىنقى ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن
    2011-08-15 12:26:45     تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    مۇخبىرنىڭ 22 – مارت ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل 2 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغانB ،A تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئون مىڭ 664 بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 34 كىشى ئۆلۈپ كەتكەن.

     

    دوكلات قىلىنغان ئاغرىقلار 1 – ئايدىكىدىن %14.42 ئازايغان بولسىمۇ ، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %37.69 ئاشقان .

        2 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغان يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ، يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغىقاتارلىق 14 خىل كېسەل ئىچىدە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىكلەر ؛ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ، سىفىلس ، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە A تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولۇپ ، دوكلات قىلىنغان كېسەللىكلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %92.28 ىنى ئىگىلىگەن . بۇ ئايدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭكېسەللىك تەرتىپى : ئەيدىز ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ، A  تىپلىق H1N1 يۇقۇملۇق زۇكام ،  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار.

        ئۆتكەن ئايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، قىزىل ، A  تىپلىق H1N1 يۇقۇملۇق زۇكام ، كۆكيۆتەل قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى دەپ دوكلات قىلىنغان ئاغرىقلار ئالدىنقى ئاي ۋە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن . بۇ ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىدا ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن تۈرلۈك يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە تارقىلىشى سەۋەبىدىن بولغان .

  • مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : نۆۋەتتە ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام باكتىرىيىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىشچان زۇكام باكتىرىيىلىرى ئىچىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان باكتىرىيە بولۇپ قالدى
  • كىيىنكى ئەسەر : چۇمېي قاتارلىق 10 نەچچە خىل ئورۇقلاش ساغلاملىق مەھسۇلاتى كېسەل پەيدا قىلىش خەۋپى
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号