ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسىدىن كېيىن ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان بىمار ئالەمدىن ئۆتتى
2011-08-15 11:23:40     نۇردوختۇر     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسىدىن كېيىن ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان بىمار ئالەمدىن ئۆتتى

ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسىدىن كېيىن ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان بىمار ياڭ يۈ مىن杨玉民 18 يىللىق يېڭى ھاياتىنى ئۆتكۈزۈپ ، 11 ئاينىڭ 20 كۈنى كۆپ ئورگانلار زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى .
 

دوختۇر ساغلاملىق تورى

ياڭ يۈمىن ھايات ۋاقتىدىكى رەسىم ، قىزى ھەم ئايالى بىلەن بىللە

ياڭ يۈمىن 1958 يىلى خىيلۇڭجاڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى دۇڭفىڭ كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 يىللىرى چوشقا ئۆلتۈرۈش بىلەن جان باقاتتى . 1991 -يىلى ياڭ يۈمىن يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ ، خاربىن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتى ئىككىنجى تارماق دوختۇرخانىسىدا كېڭىيىش خاراكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەم يۈرەك زەئىپلىشىش ، يۈرەك چوڭىيىپ نورمال يۈرەكنىڭ 3 ھەسسىگە باراۋەر بولۇپ قالغان . بۇ سەۋەبتىن يۈرەك كۆكرەك قەپىزىدە داۋاملىق سەكرەشكە ئىمكان بولمىغان . بۇنىڭدىن يەنە جىگەر ، بۆرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن . 1992 يىلى 4-ئاينىڭ 26 كۈنى ، مەزكۈر دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى مۇدىرى شا چيۇ مىڭ پىراففىسور بىۋاستە ئوپىراتسىيە قىلىپ ، ياڭ يۈمىن گە يېڭى يۈرەكنى ئالماشتۇرغان . 2010 يىلى 11 ئايغىچە بولغان ۋاقىتقا قەدەر ، ياڭ يۈمىن 18 كۈز يازنى باشتىن كەچۈرۈپ ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان يۈرەك ئالماشتۇرغان بىمار بولغان .

يېقىنقى يېرىم يىلنىڭ ياقى ، ياڭ يۈمىن ئېغىر شامالداش سەۋەبىدىن ئۆتكۈر خاراكتىرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ ، كۆپ قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان . داۋالاش جەريانىدا ئۆپكە ، جىگەر ، بۆرەك قاتارلىق ئورگانلارنىڭ فۇنكىسيىسىمۇ ناچارلاشقان . ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 2010 يىلى 11 ئاينىڭ 21 كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى .

خاربىن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتى ئىككىنجى تارماق دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ بىن مۇنداق دىگەن: »ياڭ يۈمىن جۇڭگو ھەتتا دۇنيا مېدىتسىناسىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ئەرباب بولۇپ ، 18 يىلنىڭ ياقى يۈرەك ئالماشتۇرۇش ساھەسىگە مۇھىم تەجرىبە نەتىجىسى تەمىنلەپ بەردى . «

  • مەنبە : دوختۇر تور بېكىتى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ياڭ يۈمىن   |   杨玉民   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسى مۇزىيى شىئەندە ئېچىلدى
  • كىيىنكى ئەسەر : 70%تور خۇمارى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى داۋالاش ئۈنۈملۈك بولمىدى
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号