

دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە، ھازىر ‹‹يۈرەك غۇنچىلىرى قۇرۇلۇشى›› بويىچە 3 – تۈركۈمدە داۋالىنىۋاتقان شىنجاڭلىق تۇغما يۈرەككېسىلى بار 51 بالىنىڭ 12 سى ئوپېراتسىيەقىلىنىپ بولدى، 11 بالا داۋالىنىش باسقۇچىغا كىردى، تۇنجى تۈركۈمدە ئوپېراتسىيە قىلىنغان 12 بالا 5 – مارت يۇرتىغا قايتىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن كېسەلخانىدا بالىلارنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم بالىلارغا چىرايلىق كىيىم – كېچەك ۋە كىتابلارنى سوۋغا قىلدى.
11 ياشلىق قازاق قىز ئايدالانىڭ سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كەلدى، ئۇ، ئۆزى ۋە تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ھەمراھلىرىنى يوقلاپ كەلگەن جاڭ بوۋىسى ۋە رەھبەرلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئايدالانىڭ دادىسى جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھاياجانلانغىنىدىن گەپمۇ قىلالماي: رەھمەت، كۆپ رەھمەت، دېدى.
جاڭ چۈنشيەن: بالىنىڭ كېسىلىنى ئوبدان داۋالىتىڭ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلسۇن، دېدى.
جاڭ چۈنشيەن داۋالىنىۋاتقان ھەر بىر بالىنىڭسالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ، كەلگۈسىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەتكە، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى : جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى بىلەن ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى بىرلىشىپ يولغا قويغان ‹‹ يۈرەك غۇنچىلىرى قۇرۇلۇشى ›› شىنجاڭدا كىشلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ پۇل ئىئانە قىلىپ ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارغا ياردەم بەرگەنلىكىگە ، ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، 2011 – يىلنى شىنجاڭنىڭ ‹‹ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى ›› قىلىپ بېكىتتى ھەم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ھەقسىز داۋالاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى ، بۇ يىل تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 1100 بالىنى داۋالاپ ، ئۇلارنى ساغلام بەدەنگە ، گۈزەلكەلگۈسىگە ئىگە قىلىدۇ .
دېڭ چاڭيۈ مۇنداق دېدى : ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىش خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ، بۇ قېتىم 51 بالىنى داۋالاش خىزمەتنىڭ باشلىنىشى ، ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى بۇ خىزمەتنى ‹‹ باھار غۇنچىلىرى پىلانى ›› غا كىرگۈزۈپ ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ، ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن كۆپلەپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ ، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگەقىلىدۇ .
جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر 3 – تۈركۈمدەداۋالىنىۋاتقان شىنجاڭلىق تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 51 بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە