
17–مارت ، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك ، دورا بويۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، يېمەكلىك ، دورا بويۇملىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ،دورا بويۇملىرىنى مەخسۇس تۈزەپ ، دورا بويۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلقى يېمەكلىك دورا بويۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەن .

ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىللىق دورا بويۇملىرى بىخەتەرلىكىنى تۈزەش خىزمىتىدە ، ساختا دورا ياساپ خەتەرلىك ئەھۋال تۇغدۇرۇش ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش قاتارلىق قىلمىشلار نۇقتىلىق تۈزىتىلىپ ، چوڭ دېلو قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ئاممىنىڭ پىكرى كۈچلۈك بولغان مەسلىلەر بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن .