1. دورا سۇيۇقلۇقىنى كۆپ سۈرتمەسلىك كېرەك. يارا ئېغىزىنى تازىلىغاندا، ئادەتتە، قوش ئوكسىگېنلىق سۇ، يود قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۇنداق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقلىرى بىخلىما توقۇلمىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ياشاش ۋاقتىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، يۇقۇملانغان يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش زۆرۈر، ئەمما ئىشلەتكەندىن كېيىنلا تۇز سۈيىدە تازىلىۋېتىش كېرەك.
2. باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئادەتتە، يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەندە ياكى يۇقۇملانغان ئورۇن ياخشىلانمىغاندا باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئۇنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى باكتېرىيەگە قارشى دورىلار يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. يارا ئېغىزىنى چىڭ تاڭماسلىق كېرەك. يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشى ئۈچۈن ئوكسىگېن زۆرۈر بولىدۇ.ئوكسىگېن كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، يارا ئېغىزىنى بەك چىڭ تېڭىۋەتكەندە قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
4. تېڭىقنى كۈندە ئالماشتۇرماسلىق كېرەك. يارا ئېغىزىنى پاكىز تۇتسىلا ھەر كۈنى تېڭىق ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تېڭىقنى كۆپ ئالماشتۇرغاندا يارا ئېغىزى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان