لېكىن مۇشۇ تۆت چوڭ خەۋىپلىك ئامىلدىن يىراق كىشلەرمۇ يۈرەك قان تومۈر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ.شۇڭا تېببىي مۇتەخەسىسلەر يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان،كىشلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان يوشۇرۇن خەۋىپلىك ئامىللارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.تەتقىقاتچىلار ئائىلە ئەزالىرى ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى ئىچىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بار كىشلەرنى ئاساس قىلىپ تەتقىق قىلىپ،تۆۋەندىكى خەۋىپلىك ئامىللارنى بايقىدى:
1.مايلىق ئاقسىلنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئىلگىرى كىشلەر قاندىكى بىر خىل خولېستېرول-تۆۋەن زىچلىقتىكى مايلىق خولېستېرول يۈرەك قان تومۈر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش‹‹جىنايەتچى››دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى . ھازىر تەتقىقاتچىلار تۆۋەن زىچلىقتىكى مايلىق خولېستېرول تەركىبىدە يەنە بىر خىل ماي ساقلايدىغان ئاقسىلنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ يۈرەك كېسەللىكى خەۋىپىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقات ئاپپاراتى كېسەل ئاياللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مايلىق ئاقسىل دەرىجىسى35-40تىن ئېشىپ كەتكەندە،يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنىڭ بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.يەنە بىر تەتقىقاتتاتاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرغانلاردا مايلىق ئاقسىلنىڭ مىقدارى%19 تىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى،مايلىق ئاقسىلدىكى خولېستېرول تۆۋەن زىچلىقتىكى مايلىق خولېستېرولدىكىدىنمۇ كۆپ بولىدىغانلىقى،ئۇنىڭ يەنە قان تومۇرنى توسۇپ قويىدىغانلىقى،ماي تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى مايلىق خولېستېرولنى چۈشۈرىدىغان كۆپ ساندىكى دورىلار مايلىق خولېستېرولغا ئانچە تەسىركۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.بەزى دوختۇرلار مۇۋاپىق مىقداردىكى ۋېتامىنلىق نىكوتىن كىسلاتاسى بىلەن داۋالاش،ھەيىز توختىغان ئاياللارغا ئېستېروگېن ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.
2.سىستىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشى يۇقىرى دەرىجىدىكى سىستىن قاندىكى بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ،ئۇ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كەتسە،يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ60-يىللىرىدا بايقالغان.30نەچچە يىلدىن كېيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتى 15 مىڭ ئەرنى تەكشۈرۈپ،ئۇلارنىڭ %5 ىدە سىستىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.ئۆرلەپ كەتكەن سىستىننى چۈشۈرىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك يول بولمىسىمۇ،كىشلەر يەنىلا سىستىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋېتامىنلىق فولىن كىسلاتاسىنىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.ئىنسانلار نورمال يېمەكلىكتە ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات ۋە پۇرچاقلار تەركىبىدە ۋېتامىن ماددىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ.ئادەم كۈنىگە 400 مىللىگىرام فولىن كىسلاتاسىغا مۇھتاج بولىدۇ.
3.تالالىق قان ئاقسىلىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىتەتقىقاتچىلار تالالىق قان ئاقسىلى ئۆرلەپ كەتسە يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.تالالىق قان ئاقسىلى كىشىنى سەمىرتىۋېتىدۇ شۇنداقلا قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ،شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش،قان بېسىمنى چۈشۈرۈش تالالىق قان ئاقسىلىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ،مۇۋاپىق چىنىقىشمۇ ئۇنى چۈشۈرۈشكە پايدىلىق.
4.كالىتسىينىڭ تىنىپ قېلىشى تەتقىقاتچىلار قىزىل قان تومۇرنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدا خولېستېرول ۋە باشقا ماددىلاردىن سىرىت يەنە كالىتسىينىڭ تىنىپ قېلىشىنىڭمۇ خەتەرلىك ئامىل ئىكەنلىكىنى بايقىدى.بۇنداق ئەھۋالدا قان تومۇرنىڭ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولىدۇ.ئۇنى ئوپراتسىيە ئارقىلىق راۋانلاشتۇرۇپ داۋالاشقا،ئۇنىڭغا قوشۇپ خولېستېرولنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
5.يوتا قىسمىدىكى قان تومۈرنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى بىز ئادەتتە قان بېسىمنى بىلەكتىن تەكشۈرىمىز.ھازىر ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى-قان بېسىمنى يوتا قىسمىدىن تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى.يوتا قىسمىدىن تەكشۈرۈلگەن قان بېسىمدىن بىلەكتىن تەكشۈرۈلگەن قان بېسىمنى چىقىرۋەتكەندە چىققان سان0.9 غا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا،يۈرەك كېسەللىكى پەيدا بولۇش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ.بۇنىڭدا ئاساسلىقى قىزىل قان تومۇرى توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىقلىنىدۇ.يوتا قىسمىدىكى قان تومۇرى توسۇلۇپ قالغانلار خولېستېرولنى،قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ۋە ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالانسا بولىدۇ.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان