بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئەرلەرنىڭ جىددىيلىشىشى ھاجەتسىز، ياخشىسى ۋاقتىنچە كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلىشى ھەم يېمەكلىك بىلەن چاچقا قۇۋۋەت تولۇقلىشى كېرەك. يەنى كۈنجۈت، ياڭاق قاتارلىق ۋىتامىنA، ۋىتامىنB6 مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.
ۋىتامىنA باش تېرە توقۇلمىسىنىڭ نورمال فۇنكسىيەسىنى ساقلاپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىگە ياغ يىغىلىۋېلىشنىئازايتىپ، چاچنىڭ نورمال يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن B6 ياغ كىسلاتاسى بىرىكمىسىنى تەڭشەپ، تېرە يېغى ئاجرىتىشنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چېچى چۈشىدىغان كىشلەرنىڭ بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى كەم بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداقلار سېرىق پۇرچاق، پالەك قاتارلىق تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنى ئىستېمال قىلسىمۇ جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەن ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان چاچ چۈشۈشكە، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىزلارغا ئۈنۈمىتېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
چاچ چۈشۈش ئۇيقۇ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان، ئاسان ئۇيقۇسىزلىنىدىغان كىشلەرنىڭ چېچىمۇ ئاسان چۈشىدۇ، شۇڭا بۇنداقلار ئامال بار چۈشتە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇخلىۋېلىشى، تەرتىپسىز بىيولوگىيەلىك سائەتنى تەڭشەپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىشى كېرەك.
ئابلىمىت داۋۇت تەييارلىغان