
سىل كېسىلى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يوقۇملۇق كېسەل. بۇ كېسەلگە بۇرۇن ھېچقانداق ئامال تېپىلماي كەلگەنىدى.
1882 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى گېرمانىيىلىك ئالىم روبېت. كوخ سىل تاياقچە باكتېرىيىسىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا مىقىياسىدا بۇ كېسەلنى تىزگىنلەشكە ئۈمىد تۇغۇلدى. مۇشۇ بايقاشنى خاتىرىلەش ھەمدە ئاۋامنىڭ سىل كېسىلى مەسىلىسىگە بولغان دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن، 1982 - يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنىنى «دۇنيا سىل كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش كۈنى»، دەپ بېكىتتى.
سىل كېسىلى ئۆپكە سىلى ۋە باشقا ئەزالار سىلى، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
يېقىندا «24 - مارت دۇنيا سىل (تۇبېركۇليوز) كېسىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سىل كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرلىرى توغرىسىدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 - دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاندىدات مۇدىر ۋراچ مەمەت ئەلىنى زىيارەت قىلدىم.
ئۇ سىل كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: سىل كېسىلى ئاساسلىقى نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ. يەنى بىمار يۆتەلگەن، چۈشكۈرگەن، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىگەن چاغدىكى تۈكرۈك چاچراندىلىرى، بەلغەم ئارقىلىق يۇقىدۇ. سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 - 15 ئادەمنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى قاينىتىلمىغان كالا سۈتى ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ. يەنى كالىدا سىل كېسىلى بولسا، سۈت ئارقىلىق يۇقىدۇ. شۇڭا، سۈت ئىچكەندە سۈتنى چوقۇم قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
مەمەت ئەلى دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، چۈشتىن كېيىن بەدەن قىزىسا (ھەممە خىل سىل كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ)، كۆپ تەرلىسە، سەۋەبسىز ئورۇقلاپ كەتسە، كۆپ يۆتىلىش، بەلغەم كۆپ ۋە قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ 3 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەرلەردىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى (ئەسلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى) گە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
سىل كېسىلىگە قارىتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بىر تۇتاش مۇراجئەتنامە چىقارغان.
دۆلىتىمىزمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئۆپكە سىلىنى ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ كېسەلنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردە ھەقسىز داۋالاش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلدى ھەم بۇ كېسەلگە قارىتا كېسەل بايقالغان ھامان بىر تۇتاش داۋالاش، دىئاگنوز قويۇش، دورا بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاشنى يولغا قويدى.
مەمەت ئەلى دوختۇر مۇنداق دېدى: ئۆپكە سىلى ياكى سىرتقى ئەزالار سىلى بولۇپ قالغانلار چوقۇم دوختۇرخانا ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركەزلىرىگە بېرىپ، مۇنتىزىم داۋالىنىشى كېرەك. دوختۇرلار بۇ كېسەلگە قارىتا، بىر قانچە خىل سىلغا قارشى دورا ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، مۇقىم بولغان قىسقا مۇددەتلىك خىمىيىلىك داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، داۋالاش باسقۇچى 6 - 8 ئاي بولىدۇ. دورىنى تېببىي خادىملار نازارەتچىلىك قىلىپ ئىچكۈزۈش كېرەك. ئەگەر بىمار دورىنى ئۈزۈپ قويسا، تولۇقلاپ داۋالاش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كېسەلنى ساقايتىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بىمار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇنتىزىم داۋالانسا، ساقىيىش نىسبىتى %95 تىن يۇقىرى بولىدۇ. داۋالاش جەريانىدا دورا ئىشلىتىپ، بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن كېسەل ياخشىلانسا، دورىنى توختىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. بولمىسا بەدەندىكى سىل باكتېرىيىسى يوقالمايلا قالماي، بەلكى بۇرۇن ئىشلەتكەن دورىلار بارا - بارا ئۈنۈمىنى يوقىتىپ، كېسەل قايتا قوزغىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كېسەلنى داۋالاش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، بىمار داۋالىنىش باسقۇچىدا دورىنى باسقۇچلۇق، يېتەرلىك ئىچىشى، يېمەك - ئىچمەكتە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا قۇۋۋەتلىك يېيىشى، تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىكى كېرەك.