گىلاۋكوما|شەقىقە|青光眼|Glaucoma
بۇ ئاساسلىقى كۆز بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىدىن كۆرۈش دائىرىسىكىچىكلەپ، ئاخىرىدا مەڭگۈلۈك كۆرمەس بولۇپ قالىدىغان كېسەللىك.
بۇ خىل كېسەللىك 40 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. گىلاۋكوما كېسىلى يەنە مىجەز – خۇلق، ئىرسىيەت، ئاچچىقلىنىش سەۋەبلىرىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندا، باش ئاغرىش، كۆزنىڭ بىر قىسمى بىئارام بولۇش ياكى كۆزى چىڭقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆز قىزىرىش، كۆزبىلەن تەڭ باش ئاغرىش، ھەتتا قەي قىلىش، كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئەزھەر قادىر تەييارلىغان