سۈت بېزىغا بەز چۈشۈش. سۈت بېزىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بەز چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەمدە ئاغرىمىسا ، بۇ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
جىنسىي يولىدىن قان كېلىش . ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللاردا جىنسىي يولىدىن قان كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . ناۋادا جىنسىي يولدىن قانكەلگەندە ئاغرىمىسا ، بالىياتقۇ راكى ياكى تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
تېرە رەڭگىدىكى ئۆزگىرىش. قول ئالقىنى ھەمدە دۈمبىسىدە يۇمىلاق شەكىلدىكى ئەسۋە كۆرۈلۈپ ، يەنە قىسمەن جايلىرىدا سېرىق ياكى قارا رەڭلىك جاراھەت كۆرۈلسىمۇ ، لېكىن ئاغرىمىسا ، بۇتېرە راكىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى.
لىمفا قان تومۇرى ئىششىپ چىقىش.يىرىق ، قولتۇق ئاستى ، گەجگە ، قۇلاق ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا لىمفا ئىششىپ چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ، ئاغرىمىسا ھەمدە قاتتىق بولسا ، بۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ياكى لىمفا ئۆسمىسىنىڭ ئىپادىسى.
ئاشقازان جاراھەتلىنىش. بەزى ياشانغانلارنىڭ ئاشقازىنى جاراھەتلەنسە ئاغرىماي ، چوڭ تەرىتى قارا رەڭدە كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولۇپ ، ۋاقتىدا تەكشۈرتكەندە ، كېسەللىكنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .