
بۇ خىل گېننىڭ ئىلمىي نامى WWP2 بولۇپ ، ئۇ بەدەندىكى ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ كېڭىشىنى توسىدىغان تەبىئىي ماددىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن ۋە ئۇنى پارچىلايدىكەن .
شەرقىي ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بايقىشىچە ، WWP2 نىڭ رولىنى توسۇش ئارقىلىق ئۆسمە ھۈجەيرىسىنى توسۇغۇچى تەبىئىي ماددىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى ‹‹ئۇخلىتىپ ›› ، ئۆسمىنىڭ كېڭىيىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن .