داس سۆڭىكى ئاغرىغاندا . ئاياللاردا داس سۆڭىكى ئاغرىقى بەك ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك . ئاغرىق جىددىي ھەم قاتتىق بولسا ، تۇخۇمداندا ئىششىق بولۇشى ، ئاغرىق بىلەن تەڭ قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈنسە ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
بىنورمال قان كېلىش . ئاياللاردىكى بىنورمال قان كېلىش سەۋەبلىرى ناھايتى كۆپ . ناۋادا ھەيز مەزگىلى بەك ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە ، ياللۇغ پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردا بۇ خىل ئالامەتنىڭ كۆرۈلۈشى بالىياتقۇ راكىنىڭ ئىپادىسى.
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاق خۇن كۆپ كەلسە ياكى رەڭگى ئۆزگەرگەن ھالدا كەلسە چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.