ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
نېمە ئۈچۈن ئادەمدە ھاۋا ۋە سۇ ياقماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
2011-08-23 14:29:40     شىنجاڭ گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
ھاۋا ۋە سۇ ياقماسلىق – ياقا يۇرتقا دەسلەپ كەلگەن ئادەملەر دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋال. مەسىلەن: ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش، ئۇخلىيالماسلىق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار. بۇنى كىشىلەر دائىم ھاۋا ۋە سۈيىياقماپتۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

 

   ئەمەلىيەتتە، بۇنداق بىئارام بولۇشلار ھەقىقەتەن ھاۋا ۋە سۇنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئۈچەي يوللىرىدا تۈرى كۆپ، سانى زور بولغان ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ مىكرو جانلىقلارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە نىسپىي سېلىشتۇرمىسى ئۇزاق ۋاقىتلىق تۇرمۇش جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن بولىدۇ.

 تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆۋەن تالالىق يېمەك – ئىچمەككە ئادەتلەنگەن ئادەملەرنىڭ ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىدا ئوكسىگېندىن قاشقۇچى باكتېرىيەلەر كۆپرەك بولۇپ، ئوكسىگېن خۇمار باكتېرىيەلەر ئازراق بولىدىكەن، يۇقىرى تالالىق يېمەك – ئىچمەكلەرگە ئادەتلەنگەن ئادەملەردە بولسا ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن.

يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۈچەي يوللىرىدا بەزى ئالاھىدە فېرمېنتلارنى ئاجرىتىدىغان باكتېرىيەلەر بار بولۇپ، بۇ فېرمېنتلار دېڭىز يۈسۈنىدا ئالاھىدە بار بولغان گۈڭگۈرتلۈك كاربون سۇبىرىكمىسىنى ھەزىم قىلالايدىكەن، ۋەھالەنكى، سىناق قىلىنغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەدىنىدە بولسا بۇنداق فېرمېنت بايقالمىغان، بۇ ئالدىنقىلارنىڭ مۇشۇنداق كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ھەزىم قىلالايدىغانلىقىنى، كېيىنكىلەردە بولسا، بۇنداق ئىقتىدارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىدە ھەر كۈنى 14 گىرام دېڭىز يۈسۈنى ئىستېمال قىلىنىدۇ، بۇ ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيەلەرگە تېخىمۇ چوڭ تاللاش بېسىمى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلاردا دېڭىز يۈسۈنىنى ھەزىم قىلىدىغان گېننى ساقلاپ قالغان.

يۇرتىدىن ئايرىلىپ يېڭى بىر جايغا بارغان ئادەملەرنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئۈچەي يوللىرىدىكى مىكرو ئېكولوگىيەدە ئىپادىلىنىپ، سۇ ۋە ھاۋاغا كۆنەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇنىرە مەسغۇت تەييارلىغان

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھاۋا سۇ ياقماسلىق   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : يان تېلېفون ئىشلەتكەندە...
  • كىيىنكى ئەسەر : تاماكا چېكىش تاماق تالاسىنىڭ پايدىلىق رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号