لابوراتورىيەلىك (خىمىيەلىك) تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوختۇرنىڭ بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى ۋە جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە دىياگنوز قويۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، ئۇزۇن مۇددەت جىگەر ئىقتىدارى ۋە كېسەل ۋىرۇسى مىقدارىنى تەكشۈرتمىسە، كېسەلنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئامالسىز قېلىپ، داۋالىنىشتىكى ياخشى پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالىدۇ.
ئادەتتە ھەر قېتىملىق لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشتە 10ml ئەتراپىدا قان ئالسا، ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. ئارىلىق ۋاقتى بەك قىسقا بولسا، قايتا - قايتا لابوراتورىيەلىك قان ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى ئادەتتىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاش مەزگىلى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، ھەر بىر تۈرلۈك داۋالاش لايىھەسى بەلگىلىك بىر داۋالاش جەريانىدىن كېيىن بېكىتىلىدۇ.
شۇڭا، ئادەتتىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى داۋالىنىش جەريانىدا 1 - 2 ھەپتىدە بىر قېتىم جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ. كېسەل ئەھۋالى ئېغىر بولغان جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
جىگەر ئىقتىدارى نورمال بولغان جىگەر ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 2 - 3 ئايدا بىر قېتىم جىگەر ئىقتىدارى،a- فېتوپروتىن ۋە ۋىرۇس مىقدارى بويىچە تەكشۈرتسە بولىدۇ، زۆرۈر بولغانداB تىپلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرتۈشلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دورىلىرىنى يېيىش. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دورىلىرى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاشقازان يارىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەگەر ئاشقازان يارىسىنىڭ ئورنى ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدا بولسا، بۇ دەل يۈرەك ئەتراپىدىكى ئورۇن بولغاچقا يۇقىرى ئورۇندىكى ئاشقازان يارىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
3. قەھۋەگە ئوخشاش خەپرۈك تۈكۈرۈشنى خاتا ھالدا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، دەپ قاراش. ئاشقازان يارىسى نىسبەتەن ئېغىرلاشقاندا، ئاشقازان قاناش كۆرۈلىدۇ. بەزى بىمارلار قەھۋەگە ئوخشاش رەڭدە خەپرۈك تۈكۈرىدۇ.