مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خېلىلا يۇقىرىلاپ قالغان . ئېلىمىزدە بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى 50 مىليونغا يېقىنلىشىپ قالغان.
بىراق كىشىلەر قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە يەنىلا يۈرەك ، مېڭە كېسەللىكلىرىگە ئېتىبار بەرگەندەك ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ . مەسىلەن: ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىنى مىسالغا ئالساق ، بۇ كېسەللىك تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە مېڭە ئارتېرىيە قېتىشىش كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن ، يەنە ئىچكى ئەزالاردىكى ئارتېرىيە تومۇرى تارىيىش ۋە توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇت-قول مۇزلاش ، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئاسان چارچاش ، جاراھەت ئۇزاققىچە ساقايماسلىق ، پۇت-قولنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش ، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، چوقۇم قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپداۋالىنىش كېرەك.