ئەگەر چىش چۈشۈپ كەتسە ، چىش ئوقۇرى يىگىلەپ قالىدۇ . ناۋادا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە ، يىگىلەش سۈرئىتى تېخىمۇتېزلىشىپ ، سالدۇرغان چىش بىلەن ئوقۇرى ئوتتۇرىسىدىكى ھىملىق يوقىلىپ ، يالغان چىشئاسانلا بوشاپ قالىدۇ . ئۇنداقتا ، چىش سالدۇرغاندىن كېيىن قايسى تەرەپتىن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك ؟
بىرىنچى ، يېمەكلىكنىڭ فىزىكىلىق ، خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك . نۇرغۇن كىشى سالدۇرغان چىشنى پۇختا ئەمەس دەپ قاراپ ، چىش سالدۇرغاندىن كېيىن يۇمشاق يېمەكلىك يېيىشكە ئادەتلەنگەن . ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىق دەرىجىدە قاتتىق ۋە يىرىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىش ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىككىنچى ، تەركىبىدە كالتسىي ، فوسفور ، كالىي تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ ، ئاستىنقى- ئۈستۈنكى تاڭلاينىڭبوشىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۈچىنچى ، ئاقسىل تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشكېرەك.
تۆتىنچى ، چىش سالدۇرغاندىن كېيىن باقىلە ، باقىلە پىشۇرۇقلىرى ، يېسىۋېلەك پېچەكگۈل ، بۇغداي ، قارا گۈرۈچ ، ئارپىبەدىيان ، گازىر ، پىياز ، ئۆسۈملۈك يېغى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك .
مۇھەممەت قادىر تەييارلىغان